سۈرە 40 · پارە 24

سورة غافر · 40:78

وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا رُسُلًا مِنْ قَبْلِكَ مِنْهُمْ مَنْ قَصَصْنَا عَلَيْكَ وَمِنْهُمْ مَنْ لَمْ نَقْصُصْ عَلَيْكَ ۗ وَمَا كَانَ لِرَسُولٍ أَنْ يَأْتِيَ بِآيَةٍ إِلَّا بِإِذْنِ اللَّهِ ۚ فَإِذَا جَاءَ أَمْرُ اللَّهِ قُضِيَ بِالْحَقِّ وَخَسِرَ هُنَالِكَ الْمُبْطِلُونَ

سەندىن ئىلگىرى بىز ھەقىقەتەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ساڭا بايان قىلىپ بەرگەنلىرىمىزمۇ، بايان قىلىپ بەرمىگەنلىرىمىزمۇ بار، ھېچقانداق پەيغەمبەر اﷲ نىڭ ئىزنىسىز بىرەر مۆجىزە كەلتۈرەلمەيدۇ، اﷲ نىڭ ئەمرى (يەنى قىيامەت) كەلگەن چاغدا (كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا) ئادالەت بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، بۇ چاغدا ھەقكە قارشى تۇرغۇچىلار زىيان تارتىدۇ

تەپسىر

ئى پەيغەمبەر! بىز ھەقىقەتەن سەندىن ئىلگىرىمۇ ئۈممەتلەرگە نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئەمما ئۇلار پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇلارغا ئازار بەردى. پەيغەمبەرلەر ئۇلارنىڭ ئىنكار قىلىشلىرى ۋە ئەزىيەتلىرىگە سەۋر قىلدى. بۇ پەيغەمبەرلەر ئىچىدە بىز ساڭا ئەھۋالىنى سۆزلەپ بەرگەنلەرمۇ، سۆزلەپ بەرمىگەنلەرمۇ بار. ھېچبىر پەيغەمبەر قەۋمىگە پەرۋەردىگارىنىڭ ئىزنىسىز بىرەر مۆجىزە كەلتۈرەلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئۈممەتلىرى ئىچىدىكى كاپىرلارنىڭ مۆجىزىلەرنى كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىشى زۇلۇمدۇر. غەلىبە ياكى پەيغەمبەرلەر بىلەن قەۋملىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم قىلىش ھەققىدىكى بۇيرۇقى كەلگەن چاغدا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادالەت بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ. بۇ چاغدا كاپىرلار ھالاك قىلىنىپ، پەيغەمبەرلەر نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ. بەندىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان ئاشۇ مەيداندا خاتا يولدا ماڭغۇچىلار كۇپۇرلۇقى تۈپەيلىدىن ھالاكەتكە دۇچار بولۇش ئارقىلىق زىيان تارتىدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ