سۈرە 40 · پارە 24
سورة غافر · 40:77
فَاصْبِرْ إِنَّ وَعْدَ اللَّهِ حَقٌّ ۚ فَإِمَّا نُرِيَنَّكَ بَعْضَ الَّذِي نَعِدُهُمْ أَوْ نَتَوَفَّيَنَّكَ فَإِلَيْنَا يُرْجَعُونَ
(ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭنىڭ سېنى ئىنكار قىلغانلىقىغا) سەۋر قىلغىن، اﷲ نىڭ (ئۇلارنى ئازابلاش توغرىسىدىكى) ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، ساڭا بىز ئۇلارغا ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ بىر قىسمىنى كۆرسەتسەك (بۇ اﷲ نىڭ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلغانلىقىدۇر) ياكى سېنى (ئۇنى كۆرسىتىشتىن بۇرۇن) ۋاپات قىلدۇرساق، ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلىدۇ، (قىيامەتتە ئۇلار ئازابقا دۇچار بولىدۇ)
تەپسىر
ئى پەيغەمبەر! قەۋمىڭنىڭ ئەزىيەتلىرىگە ۋە ئۇلارنىڭ ئىنكار قىلىشىغا سەۋر قىلغىن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ ساڭا نۇسرەت بېرىش ھەققىدىكى ۋەدىسى شەكسىز ھەقىقەتتۇر. ئەگەر بىز بەدرى كۈنىسىدىكىگە ئوخشاش ساڭا ھايات ۋاقتىڭدا ئۇلارغا ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ بىر قىسمىنى كۆرسەتسەك ياكى سېنى ئۇنى كۆرسىتىشتىن بۇرۇن ۋاپات تاپتۇرساق، قىيامەت كۈنى ئۇلار يەنىلا يالغۇز بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ. ئاندىن بىز ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىگە يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىپ، ئىنكارچى كاپىرلارنى مەڭگۈ قالىدىغان دوزاخقا كىرگۈزىمىز.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ