سۈرە 40 · پارە 24
سورة غافر · 40:51
إِنَّا لَنَنْصُرُ رُسُلَنَا وَالَّذِينَ آمَنُوا فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَيَوْمَ يَقُومُ الْأَشْهَادُ
شەك - شۈبھىسىزكى، بىز پەيغەمبىرىمىزگە، مۆمىنلەرگە ھاياتىي دۇنيادا ۋە (پەرىشتە، پەيغەمبەر ۋە مۆمىنلەردىن بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىگە گۇۋاھ بولىدىغان) گۇۋاھچىلار ھازىر بولىدىغان كۈندە ئەلۋەتتە ياردەم بېرىمىز
تەپسىر
شەك - شۈبھىسىزكى بىز پەيغەمبەرلىرىمىزنىڭ، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەرنىڭ دەلىل- پاكىتلىرىنى كۈچلۈك قىلىپ، دۈشمەنلىرىگە قارشى ياردەم بېرىش ئارقىلىق ئۇلارغا مۇشۇ دۇنيانىڭ ئۆزىدىلا نۇسرەت ئاتا قىلىمىز. قىيامەت كۈنى ئۇلارنى جەننەتكە كىرگۈزۈش ئارقىلىق، شۇنداقلا ھاياتىي دۇنيادا ئۇلارغا قارشى سەپتە بولغانلارنى دوزاخقا كىرگۈزۈپ جازالاش ئارقىلىق ئۇلارغا ياردەم بېرىمىز. (بۇ ئىشلار) پەيغەمبەرلەر، پەرىشتىلەر ۋە مۇئمىنلەر (پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى) يەتكۈزگەنلىكى، ئەمما ئۈممەتلەرنىڭ ئۇلارنى ئىنكار قىلغانلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئىشقا ئاشىدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ