سۈرە 40 · پارە 24
سورة غافر · 40:50
قَالُوا أَوَلَمْ تَكُ تَأْتِيكُمْ رُسُلُكُمْ بِالْبَيِّنَاتِ ۖ قَالُوا بَلَىٰ ۚ قَالُوا فَادْعُوا ۗ وَمَا دُعَاءُ الْكَافِرِينَ إِلَّا فِي ضَلَالٍ
ئۇلار (يەنى دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەر): «پەيغەمبىرىڭلار سىلەرگە روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلمىگەنمىدى؟» دەيدۇ. ئۇلار (يەنى كۇففارلار): «ھەئە، ئېلىپ كەلگەن ئىدى» دەيدۇ. ئۇلار (يەنى پەرىشتىلەر): «سىلەر دۇئا قىلىڭلار، (لېكىن) كاپىرلارنىڭ دۇئاسى پايدىسىزدۇر» دەيدۇ
تەپسىر
دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشىتلەر كاپىرلارغا جاۋابەن: سىلەرگە پەيغەمبەرلىرىڭلار روشەن دەلىل - پاكىتلارنى ئېلىپ كەلمىگەنمىدى؟ دەيدۇ. كاپىرلار: ئەلۋەتتە، ئۇلار بىزگە روشەن دەلىل - پاكىتلارنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، دەيدۇ. پەرىشتىلەر ئۇلارنى مەسخىرە قىلىپ: ئۆزۈڭلار دۇئا قىلىڭلار. بىز كاپىرلار ئۈچۈن ئارىغا چۈشۈپ ئولتۇرمايمىز، دەيدۇ. ئەمما كاپىرلارنىڭ دۇئاسى ئۇلارنىڭ كۇپۇرلۇقى سەۋەبىدىن قوبۇل قىلىنمايدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ قىلغان دۇئالىرى پۈتۈنلەي بىكارغا كېتىدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ