سۈرە 40 · پارە 24

وأفوض أمري إلى الله · سورة غافر 40:44

فَسَتَذْكُرُونَ مَا أَقُولُ لَكُمْ ۚ وَأُفَوِّضُ أَمْرِي إِلَى اللَّهِ ۚ إِنَّ اللَّهَ بَصِيرٌ بِالْعِبَادِ

(سىلەرگە ئازاب نازىل بولغان چاغدا) سىلەرگە ئېيتقان سۆزۈمنىڭ (راستلىقىنى) ئەسلەيسىلەر، مەن ئىشىمنى اﷲ قا تاپشۇرىمەن، اﷲ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر»

تەپسىر

ئۇلار ئۇ كىشىنىڭ نەسىھىتىگە پىسەنت قىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى: ئۇزۇنغا قالماي قىلغان نەسىھەتلىرىمنى ئەسلەپ، ئۇنى قوبۇل قىلمىغانلىقىڭلارغا ھەسرەت چېكىسىلەر. مەن پۈتۈن ئىشىلىرىمنى يالغۇز ئاللاھقا تاپشۇرىمەن. شەكسىزكى ئاللاھقا بەندىلىرىنىڭ ئىشلىرىدىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ