سۈرە 40 · پارە 24
سورة غافر · 40:43
لَا جَرَمَ أَنَّمَا تَدْعُونَنِي إِلَيْهِ لَيْسَ لَهُ دَعْوَةٌ فِي الدُّنْيَا وَلَا فِي الْآخِرَةِ وَأَنَّ مَرَدَّنَا إِلَى اللَّهِ وَأَنَّ الْمُسْرِفِينَ هُمْ أَصْحَابُ النَّارِ
ھەقىقەتەن سىلەر مېنى ئۇنىڭغا (يەنى بۇتقا) ئىبادەت قىلشىقا چاقىرىسىلەر، ئۇنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە (ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشقا) چاقىرغىنى يوق، بىزنىڭ ئاخىر بارىدىغان جايىمىز اﷲ نىڭ دەرگاھىدۇر، (گۇمراھلىقتا) ھەددىدىن ئاشقۇچىلار ئەھلى دوزاختۇر
تەپسىر
ئەمەلىيەتتە سىلەر مېنى ئىمان ئېيتىشقا ۋە ئىتائەت قىلىشقا چاقىرىۋاتقان نەرسىلەرنىڭ بۇ دۇنيادىمۇ، ئاخىرەتتىمۇ دۇئا قىلىنىشقا لاياقىتى يوق. چۈنكى ئۇ دۇئا قىلغانلارغا ئىجابەت قىلالمايدۇ. شەكسىزكى بىز ھەممىمىز يالغۇز ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىپ بارىمىز. كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەردە ھەددىدىن ئاشقانلار قىيامەت كۈنى دوزاخقا كىرىشى كەسكىن بولغانلاردۇر.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ