سۈرە 40 · پارە 24
سورة غافر · 40:34
وَلَقَدْ جَاءَكُمْ يُوسُفُ مِنْ قَبْلُ بِالْبَيِّنَاتِ فَمَا زِلْتُمْ فِي شَكٍّ مِمَّا جَاءَكُمْ بِهِ ۖ حَتَّىٰ إِذَا هَلَكَ قُلْتُمْ لَنْ يَبْعَثَ اللَّهُ مِنْ بَعْدِهِ رَسُولًا ۚ كَذَٰلِكَ يُضِلُّ اللَّهُ مَنْ هُوَ مُسْرِفٌ مُرْتَابٌ
شەك - شۈبھىسىزكى، ئىلگىرى سىلەرگە يۇسۇف (اﷲ نىڭ دەرگاھىدىن) روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئۇ ئېلىپ كەلگەن دەلىلدىن سىلەر ھامان شەكلەندىڭلار، تاكى ئۇ ۋاپات بولغاندا، (دەلىل - پاكىتسىز) ھالدا، اﷲ ئۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز پەيغەمبەر ئەۋەتمەيدۇ' دېدىڭلار، اﷲ (گۇناھتا) ھەددىدىن ئاشقۇچىنى، (دىندا) شەكلەنگۈچىنى مۇشۇنداق ئازدۇرىدۇ»
تەپسىر
شەكسىزكى سىلەرگە مۇسادىن ئىلگىرى يۇسۇفمۇ ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانىلىكىنى كۆرسىتىدىغان روشەن دەلىل - پاكىتلارنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئەمما سىلەر داۋاملىق ئۇ ئېلىپ كەلگەن نەرسىدىن شەكتە بولۇپ، ئىنكار قىلىپ كەلدىڭلار. ھەتتا ئۇ ۋاپات بولغاندا تېخىمۇ شەكلىنىپ، گۇمانىڭلار تېخىمۇ كۈچىيىپ: ئاللاھ ئەمدى ھەرگىز پەيغەمبەر ئەۋەتمەيدۇ، دېدىڭلار. ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىن ئېشىپ كەتكەن، يەككە - يېگانىلىكىدە شەك قىلغان ھەر كىمنى خۇددى سىلەرنىڭ ھەقتىن ئېزىپ كەتكىنىڭلاردەك ئازدۇرىدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ