سۈرە 40 · پارە 24
سورة غافر · 40:33
يَوْمَ تُوَلُّونَ مُدْبِرِينَ مَا لَكُمْ مِنَ اللَّهِ مِنْ عَاصِمٍ ۗ وَمَنْ يُضْلِلِ اللَّهُ فَمَا لَهُ مِنْ هَادٍ
ئۇ كۈندە (دوزاخ ئازابىنىڭ دەھشىتىدىن قورقۇپ) ئارقاڭلارغا چېكىنىسىلەر، سىلەرگە ھېچ اﷲ نىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغۇچى بولمايدۇ. كىمكى اﷲ ئۇنى گۇمراھ قىلىدىكەن، ئۇنى ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ
تەپسىر
ئۇ كۈندە سىلەر دوزاختىن قورقۇپ ئارقاڭلارغا قاچىسىلەر؟ ئەمما سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلاپ قالالايدىغان ھېچ نەرسە يوق. ئاللاھ كىمنى خار قىلىپ، ئىمانغا مۇۋەپپەق قىلمايدىكەن، ئۇنى ھىدايەت قىلغۇچى ھېچكىم بولمايدۇ. چۈنكى ھىدايەتكە مۇۋەپپەق قىلىش يالغۇز ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ