سۈرە 40 · پارە 24

سورة غافر · 40:16

يَوْمَ هُمْ بَارِزُونَ ۖ لَا يَخْفَىٰ عَلَى اللَّهِ مِنْهُمْ شَيْءٌ ۚ لِمَنِ الْمُلْكُ الْيَوْمَ ۖ لِلَّهِ الْوَاحِدِ الْقَهَّارِ

ئۇلار قەبرىلەردىن چىققان كۈندە اﷲ قا ئۇلاردىن (يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن، ئەمەللىرىدىن، سىرلىرىدىن) ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ، بۈگۈن پادىشاھلىق كىمگە خاس؟ غالىب بىر اﷲ قا خاستۇر

تەپسىر

ئۇ كۈندە ئۇلار بىر تۈزلەڭلىككە توپلىنىدىغان بولۇپ، ھەممىسى ئوپئوچۇق كۆرۈنىدۇ، ئاللاھقا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى، ئەمەللىرى ۋە جازا - مۇكاپاتلىرىدىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ. (ئۇ كۈندە) ئاللاھ: بۈگۈن پادىشاھلىق كىمنىڭ ئىلكىدە؟ دەپ سورايدۇ. ئۇ چاغدا پەقەت بىرلا جاۋاب چىقىدۇ. يەنى پادىشاھلىق زاتىدا، سۈپەتلىرىدە ۋە ئىش - ھەرىكەتلىرىدە يەككە - يېگانە ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئۇ ھەر نەرسىنى بويسۇندۇرغان ۋە ھەر نەرسە ئۇنىڭغا باش ئەگكەن قۇدرەتلىك زاتتۇر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ