سۈرە 40 · پارە 24
سورة غافر · 40:15
رَفِيعُ الدَّرَجَاتِ ذُو الْعَرْشِ يُلْقِي الرُّوحَ مِنْ أَمْرِهِ عَلَىٰ مَنْ يَشَاءُ مِنْ عِبَادِهِ لِيُنْذِرَ يَوْمَ التَّلَاقِ
اﷲ نىڭ مەرتىۋىسى يۇقىرىدۇر، (اﷲ) ئەرشنىڭ ئىگىسىدۇر، (خالايىق) مۇلاقات بولۇشىدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) دىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، اﷲ ئۆز ھۆكمى بويىچە بەندىلىرىدىن خالىغان ئادەمگە ۋەھيى چۈشۈرىدۇ
تەپسىر
ئاللاھ خالىس دۇئا قىلىنىشقا ۋە تائەت - ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق زاتتۇر. ئۇ مەرتىۋىسى ئەڭ يۈكسەك زاتتۇركى، پۈتكۈل مەخلۇقاتلىرىدىن پەرقلىقتۇر. ئۇ بۈيۈك ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. ئۇ بەندىلىرىنىڭ تىرىك ياشاپ، باشقىلارنىڭ (قەلبلىرىنىمۇ) تىرىلدۈرۈشى ئۈچۈن، ئىلگىرىكىلەر ۋە كېيىنكىلەر ئۆزئارا ئۇچرىشىدىغان قىيامەت كۈنىدىن ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن بەندىلىرى ئىچىدىن ئۆزى خالىغان كىشىگە ۋەھىي نازىل قىلىدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ