سۈرە 4 · پارە 5
سورة النساء · 4:65
فَلَا وَرَبِّكَ لَا يُؤْمِنُونَ حَتَّىٰ يُحَكِّمُوكَ فِيمَا شَجَرَ بَيْنَهُمْ ثُمَّ لَا يَجِدُوا فِي أَنْفُسِهِمْ حَرَجًا مِمَّا قَضَيْتَ وَيُسَلِّمُوا تَسْلِيمًا
(ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) ئۆز ئارىسىدىكى دەتالاشقا سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلمىغۇچە، ئاندىن سېنىڭ چىقارغان ھۆكىمىڭگە ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى قىلچە غۇم بولسىمۇ يوقالمىغىچە ۋە ئۇلار پۈتۈنلەي بويسۇنمىغىچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ
تەپسىر
ھەقىقىي ئەھۋال بۇ مۇناپىقلار ئويلىغاندەك ئەمەس. ئاللاھنىڭ زاتى بىلەن قەسەمكى، ئۇلار ئارىلىرىدا يۈز بەرگەن ھەرقانداق دەتالاشتا پەيغەمبەر ھايات ۋاقتىدا شۇنىڭ يېنىغا، ۋاپات تاپقاندىن كېيىن ئۇنىڭ شەرىئىتىگە دەۋا-دەستۇرلىرىنى كۆتۈرۈپ بارمىغۇچە، ئاندىن پەيغەمبەرنىڭ ھۆكمىگە رازى بولۇپ، قەلبىدىكى ئازراق بولسىمۇ سىقىلىش ۋە ئىككىلىنىش قالمىغۇچە ۋە ئۇنىڭ ھۆكمىگە چىن كۆڭلىدىن بويسۇنۇپ، تامامەن قوبۇل قىلمىغۇچە ھەقىقىي راستچىل مۇئمىنلەردىن بولالمايدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ