سۈرە 4 · پارە 5
سورة النساء · 4:64
وَمَا أَرْسَلْنَا مِنْ رَسُولٍ إِلَّا لِيُطَاعَ بِإِذْنِ اللَّهِ ۚ وَلَوْ أَنَّهُمْ إِذْ ظَلَمُوا أَنْفُسَهُمْ جَاءُوكَ فَاسْتَغْفَرُوا اللَّهَ وَاسْتَغْفَرَ لَهُمُ الرَّسُولُ لَوَجَدُوا اللَّهَ تَوَّابًا رَحِيمًا
بىز ھەر قانداق پەيغەمبەرنى پەقەت ئىتائەت قىلىنىش ئۈچۈنلا ئەۋەتتۇق (ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغانلىق اﷲ قا ئىتائەت قىلغانلىق بولىدۇ)، ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) (سېنىڭ ھۆكىمىڭنى قوبۇل قىلماي) ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغاندا، ساڭا كېلىپ اﷲ تىن مەغپىرەت تىلىسە، پەيغەمبەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىسە ئىدى، ئەلۋەتتە، ئۇلار اﷲ نى كەچۈرۈم قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان تاپاتتى
تەپسىر
بىز ھەرقانداق بىر پەيغەمبەر ئەۋەتسەك، ئۇ بۇيرۇغان ئىشلاردا ئاللاھنىڭ خاھىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئىتائەت قىلىنسۇن دەپ ئەۋەتتۇق. ئەي پەيغەمبەر! ئەگەر ئۇلار گۇناھ-مەئسىيەت قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان چاغدا، قىلغان گۇناھلىرىنى ئېتىراپ قىلىپ، قىلمىشلىرىغا پۇشايمان قىلغان ۋە ئاللاھقا تەۋبە قىلغان ھالدا سەن ھايات ۋاقتىڭدا يېنىڭغا كەلگەن بولسا ۋە ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگەن بولسا، سەنمۇ ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگەن بولساڭ، ئەلۋەتتە ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىنىڭ تەۋبىسىنى كۆپ قوبۇل قىلغۇچى ۋە ئۇلارغا نەقەدەر شەپقەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالاتتى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ