سۈرە 4 · پارە 5
سورة النساء · 4:47
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ آمِنُوا بِمَا نَزَّلْنَا مُصَدِّقًا لِمَا مَعَكُمْ مِنْ قَبْلِ أَنْ نَطْمِسَ وُجُوهًا فَنَرُدَّهَا عَلَىٰ أَدْبَارِهَا أَوْ نَلْعَنَهُمْ كَمَا لَعَنَّا أَصْحَابَ السَّبْتِ ۚ وَكَانَ أَمْرُ اللَّهِ مَفْعُولًا
ئى كىتاب بېرىلگەنلەر! (يەنى يەھۇدىيلار) بىز نۇرغۇن يۈزلەرنى ئۆزگەرتىپ ئارقىسىغا قىلىپ قويۇشىمىزدىن (يەنى يۈزدىكى بۇرۇن، كۆز، قاش قاتارلىق سەزگۈ ئەزالىرىنى ئۆز جايلىرىدىن يوق قىلىۋېتىپ، ئۇلارنى ئارقا تەرەپكە پەيدا قىلىپ قويۇشىمىزدىن، سۈرەتلىرىنى مۇبەددەل قىلىشىمىزدىن)، ئىلگىرى، ياكى ئۇلارغا شەنبە كۈنىنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىمىغانلارغا لەنەت قىلغاندەك لەنەت قىلىشىمىزدىن ئىلگىرى، ئۆزۈڭلاردىكى كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) تەستىق قىلىدىغان، بىز نازىل قىلغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ئىمان كەلتۈرۈڭلار (بولمىسا يۇقىرىقى ئىككى بالانىڭ بىرىگە ئۇچرايسىلەر)، اﷲ نىڭ ھۆكىمى ئىجرا قىلىنىدۇ (يەنى اﷲ بىرەر ئىشقا ئەمر قىلسا، ئۇ ئىش چوقۇم بولماي قالمايدۇ)
تەپسىر
ئەي كىتاب بېرىلگەن يەھۇدىي ۋە ناسارالار! يۈزۈڭلاردىكى سەزگۈ ئەزالىرىڭلارنى گەردىنىڭلارغا قىلىپ قويۇشتىن بۇرۇن ياكى شەنبە كۈنى بېلىق تۇتۇشتىن چەكلەنگەندىن كېيىنمۇ چەكتىن ئېشىپ بېلىق تۇتقانلارنى ئۆز رەھمىتىمىزدىن يىراق قىلىپ، تەلەتىنى مايمۇنغا ئۆزگەرتىۋەتكەندەك، سىلەرنىمۇ رەھمىتىمىزدىن قوغلاندى قىلىشتىن بۇرۇن بىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان، قولۇڭلاردىكى تەۋرات ۋە ئىنجىلنى تەستىقلايدىغان قۇرئان كەرىمگە ئىمان ئېيتىڭلار. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ