سۈرە 4 · پارە 5

سورة النساء · 4:46

مِنَ الَّذِينَ هَادُوا يُحَرِّفُونَ الْكَلِمَ عَنْ مَوَاضِعِهِ وَيَقُولُونَ سَمِعْنَا وَعَصَيْنَا وَاسْمَعْ غَيْرَ مُسْمَعٍ وَرَاعِنَا لَيًّا بِأَلْسِنَتِهِمْ وَطَعْنًا فِي الدِّينِ ۚ وَلَوْ أَنَّهُمْ قَالُوا سَمِعْنَا وَأَطَعْنَا وَاسْمَعْ وَانْظُرْنَا لَكَانَ خَيْرًا لَهُمْ وَأَقْوَمَ وَلَٰكِنْ لَعَنَهُمُ اللَّهُ بِكُفْرِهِمْ فَلَا يُؤْمِنُونَ إِلَّا قَلِيلًا

يەھۇدىيلارنىڭ ئىچىدە كىتابنىڭ (يەنى تەۋراتنىڭ) سۆزلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغانلارمۇ بار، ئۇلار: «بىز (سۆزۈڭنى) ئاڭلىدۇق، (ئەمرىڭگە) بويسۇنمىدۇق، بىزگە قۇلاق سال، بىز ساڭا قۇلاق سالمايمىز» دەيدۇ، دىنغا تەنە قىلىش يۈزىسىدىن، رائىنا دېگەن سۆزنى تىللىرىنى ئەگرى قىلىپ ئېيتىدۇ. ئەگەر ئۇلار (يۇقىرىقى سۆزلىرىنىڭ ئورنىغا) ئاڭلىدۇق ۋە بويسۇندۇق، قۇلاق سال، ئۇنزۇرنا دېسە، ئۇلار ئۈچۈن (اﷲ نىڭ دەرگاھىدا) تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ توغرا بولاتتى، لېكىن كۇفرى سەۋەبلىك اﷲ ئۇلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى. ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسى ئىمان ئېيتمايدۇ

تەپسىر

يەھۇدىيلارنىڭ ئىچىدە شۇنداق ناچار كىشىلەر باركى، ئۇلار ئاللاھ نازىل قىلغان سۆزنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنى ئاللاھ نازىل قىلغاندىن باشقا تەرەپكە بۇرۇۋېتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى بىرەر ئىشقا بۇيرۇغان چاغدا ئۇلار: «سۆزۈڭنى ئاڭلىدۇق، ئەمما بۇيرۇقۇڭغا ئاسىيلىق قىلدۇق» دېيىشىدۇ. ئۇلار مەسخىرە قىلىپ: «بىزنىڭ دەيدىغانلىرىمىزغا قۇلاق سالغىن، سەن قۇلاق سالمىدىڭ» دېيىشىدۇ. ئۇلار: «راعنا» دېيىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى «بىزگە قۇلاق سېلىشقا ئەھمىيەت بەرگىن» دېمەكچى بولغاندەك كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدۇ - يۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ سۆزنى تەلەپپۇز قىلغاندا تىللىرىنى تولغاپ پەيغەمبەرنى مەسخىرە قىلماقچى بولۇشىدۇ. قارىماققا پەيغەمبەرگە دۇئا قىلماقچى بولغاندەك قىلىدۇ - يۇ، ئەمەلىيەتتە دىنغا تەنە قىلىشىدۇ. كاشكى ئۇلار «سۆزۈڭنى ئاڭلىدۇق، بۇيرۇقۇڭغا ئاسىيلىق قىلدۇق» دېگۈچە «سۆزۈڭنى ئاڭلىدۇق ۋە بۇيرۇقۇڭغا بويسۇندۇق» دېگەن بولسا، «بىزگە قۇلاق سالغىن، سەن قۇلاق سالمىدىڭ» دېگۈچە «سۆزىمىزگە قۇلاق سالغىن» دېگەن بولسا، «بىزگە ئەخمەق بولۇپ بەرگىن» دېگۈچە «بىزگە مۆھلەت بەرگىن، دېگەنلىرىڭنى ئاڭقىرىۋالايلى» دېگەن بولسا، ئەلۋەتتە بۇ ئۇلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ دەسلەپتە دېگەنلىرىدىن تولىمۇ ياخشى ۋە توغرا بولغان بولاتتى، چۈنكى بۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا لايىق گۈزەل ئەخلاقنىڭ جۈملىسىدىن ئىدى. لېكىن ئۇلار كاپىر بولغانلىقى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئۇلارغا لەنەت قىلىپ، رەھمىتىدىن يىراق قىلدى. شۇڭا ئۇلار ئۆزلىرىگە پايدا ئېلىپ كېلىدىغان دەرىجىدە ئىمان ئېيتمايدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ