سۈرە 4 · پارە 5

سورة النساء · 4:43

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَقْرَبُوا الصَّلَاةَ وَأَنْتُمْ سُكَارَىٰ حَتَّىٰ تَعْلَمُوا مَا تَقُولُونَ وَلَا جُنُبًا إِلَّا عَابِرِي سَبِيلٍ حَتَّىٰ تَغْتَسِلُوا ۚ وَإِنْ كُنْتُمْ مَرْضَىٰ أَوْ عَلَىٰ سَفَرٍ أَوْ جَاءَ أَحَدٌ مِنْكُمْ مِنَ الْغَائِطِ أَوْ لَامَسْتُمُ النِّسَاءَ فَلَمْ تَجِدُوا مَاءً فَتَيَمَّمُوا صَعِيدًا طَيِّبًا فَامْسَحُوا بِوُجُوهِكُمْ وَأَيْدِيكُمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ كَانَ عَفُوًّا غَفُورًا

ئى مۆمىنلەر! سىلەر مەست بولساڭلار، نېمە دەۋاتقىنىڭلارنى بىلگىنىڭلارغىچە، جۇنۇپ بولساڭلار، - يول ئۈستىدە بولغانلار (بۇنىڭدىن) مۇستەسنا، - غۇسلى قىلمىغۇچە نامازغا يېقىنلاشماڭلار، ئەگەر كېسەل (يەنى كېسەلگە سۇ زىيان قىلىدىغان بولسا) ياكى سەپەر ئۈستىدە بولساڭلار، ياكى ھاجەت قىلساڭلار، ياكى ئاياللار بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسەڭلار، (مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا) سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراقنى يۈزۈڭلارغا، قولۇڭلارغا سۈرتۈپ تەيەممۇم قىلىڭلار، اﷲ ھەقىقەتەن ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر (يەنى اﷲ بەندىلىرىگە ھەرەج بولماسلىقى ئۈچۈن ئىبادەتنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگۈچىدۇر)

تەپسىر

ئى ئاللاھقا ئىشەنگەن ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن مۇئمىنلەر! سىلەر مەست بولۇپ قالغىنىڭلاردا تاكى مەستلىكىڭلاردىن تولۇق يېشىىلىپ، نېمە دېگىنىڭلارنى پەرقلەندۈرگىدەك بولمىغۇچە ناماز ئوقۇماڭلار -بۇ، ھاراق كەسكىن ھارام قىلىنىشتىن بۇرۇنقى ھۆكۈمدۇر-. ئەگەر جۇنۇب بولساڭلار، تاكى غۇسلى قىلمىغۇچە ناماز ئوقۇماڭلار، مەسجىدكىمۇ كىرمەڭلار، پەقەت مەسجىدتە تۇرماي ئۆتۈپ كېتىش ئۈچۈن كىرسەڭلار بولىدۇ. ئەگەر سۇ زىيان قىلىدىغان بىرەر كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولساڭلار، ياكى سەپەردە بولساڭلار، ياكى تاھارەت سۇندۇرۇپ ۋە ياكى ئاياللار بىلەن جىنسىي ئالاقىدە بولۇپ، سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراقنى يۈزۈڭلار ۋە قولۇڭلارغا سۈرتۈپ تەيەممۇم قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرنىڭ كەمچىلىكلىرىڭلارنى ئەپۇ قىلغۇچى ۋە خاتالىقلىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلغۇچىدۇر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ