سۈرە 4 · پارە 5

سورة النساء · 4:42

يَوْمَئِذٍ يَوَدُّ الَّذِينَ كَفَرُوا وَعَصَوُا الرَّسُولَ لَوْ تُسَوَّىٰ بِهِمُ الْأَرْضُ وَلَا يَكْتُمُونَ اللَّهَ حَدِيثًا

كاپىرلار ۋە پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلغانلار ئۇ كۈندە (ئۇلار قىيامەتنىڭ دەھشىتىنى كۆرگەنلىكتىن) يەر بىلەن تۈپتۈز قىلىۋېتىلىشىنى (يەنى يەرگە كۆمۈلۈپ تۇپراققا ئايلىنىپ كېتىشىنى) ئارزۇ قىلىدۇ، (ئۇلارنىڭ ھەممە ئەزاسى گۇۋاھ بولغانلىقتىن) اﷲ تىن ھېچبىر سۆزنى يوشۇرالمايدۇ

تەپسىر

ئاشۇ ئۇلۇغ كۈندە ئاللاھقا كاپىر بولغان ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلغانلار تۇپراققا ئايلىنىپ، يەر بىلەن ئوخشاش بولۇپ كېتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئۇلار قىلمىشلىرىدىن ھېچنەرسىنى ئاللاھتىن يوشۇرالمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ ئۇلارنىڭ تىللىرىنى مۆھۈرلىۋەتكەنلىكتىن ئۇلار سۆزلىيەلمەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ باشقا ئەزالىرىغا سۆزلەشكە رۇخسەت بېرىدۇ، ئاندىن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ