سۈرە 4 · پارە 6

سورة النساء · 4:154

وَرَفَعْنَا فَوْقَهُمُ الطُّورَ بِمِيثَاقِهِمْ وَقُلْنَا لَهُمُ ادْخُلُوا الْبَابَ سُجَّدًا وَقُلْنَا لَهُمْ لَا تَعْدُوا فِي السَّبْتِ وَأَخَذْنَا مِنْهُمْ مِيثَاقًا غَلِيظًا

(تەۋرات شەرىئىتىنى قوبۇل قىلمىغانلىقلىرى سەۋەبلىك) ئۇلاردىن ئەھدە ئالماق ئۈچۈن ئۈستىگە تۇر (تېغى) نى تىكلەپ قويدۇق، ئۇلارغا: «(بەيتۇلمۇقەددەس) دەرۋازىسىدىن سەجدە قىلغان ھالدا كىرىڭلار» دېدۇق ھەمدە ئۇلارغا: «شەنبىنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلاڭلار (يەنى شەنبىدە بېلىق تۇتۇش بىلەن ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار)» دېدۇق. ئۇلاردىن (بۇ ھەقتە) مەھكەم ۋەدە ئالدۇق

تەپسىر

ئۇلاردىن چىن ئەھدە ئالماق ۋە تەۋراتتىكى ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلىشى ئۈچۈن ئۇلارنى قورقۇتۇپ ئۈستىگە تاغنى تىكلەپ قويدۇق، تاغنى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئېلىۋەتكەندىن كېيىن: بەيتىل مۇقەددەس شەھرىنىڭ ئېشىكىدىن بېشىڭلارنى ئېگىپ سەجدە قىلىپ كېرىڭلار دېسەك، ئۇلار كاسىسىنى تولغاپ كەينىچەككە كىردى، ئۇلارغا: شەنبە كۈنلۈكتە بېلىق تۇتۇشقا قەدەم باسماڭلار دېدۇق، ئۇلار ھەددىدىن ئىشىپ شەنبە كۈنىدە بېلىق تۇتتى، ئۇلاردىن بۇ توغرىدا چىن ئەھدە ئالغان ئىدۇق، ئۇلار ئۆزلىرىدىن ئېلىنغان ئەھدىنى بۇزدى.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ