سۈرە 4 · پارە 6
سورة النساء · 4:153
يَسْأَلُكَ أَهْلُ الْكِتَابِ أَنْ تُنَزِّلَ عَلَيْهِمْ كِتَابًا مِنَ السَّمَاءِ ۚ فَقَدْ سَأَلُوا مُوسَىٰ أَكْبَرَ مِنْ ذَٰلِكَ فَقَالُوا أَرِنَا اللَّهَ جَهْرَةً فَأَخَذَتْهُمُ الصَّاعِقَةُ بِظُلْمِهِمْ ۚ ثُمَّ اتَّخَذُوا الْعِجْلَ مِنْ بَعْدِ مَا جَاءَتْهُمُ الْبَيِّنَاتُ فَعَفَوْنَا عَنْ ذَٰلِكَ ۚ وَآتَيْنَا مُوسَىٰ سُلْطَانًا مُبِينًا
ئەھلى كىتاب (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) سەندىن ئۆزلىرىگە ئاسماندىن بىر كىتاب چۈشۈرۈشنى سورايدۇ، ئۇلار مۇسادىن بۇنىڭدىنمۇ چوڭراقىنى سوراپ: «بىزگە اﷲ نى ئاپئاشكارا كۆرسەتكىن» دېگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ زۇلمى سەۋەبلىك ئۇلارنى چاقماق سوقتى (يەنى ئاسماندىن بىر ئوت كېلىپ ئۇلارنى ھالاك قىلدى). ئۇلار روشەن مۆجىزىلەر كەلگەندىن كېيىن موزاينى (مەبۇد) قىلىۋالدى. كېيىن بىز ئۇلارنى ئەپۇ قىلدۇق. بىز مۇساغا (ئۇنىڭ راست پەيغەمبەرلىكىنى ئىسپاتلايدىغان مۆجىزىلەردىن) روشەن پاكىت ئاتا قىلدۇق
تەپسىر
ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! يەھۇدىيلار سەندىن سېنىڭ ھەقىقى پەيغەمبەر ئىكەنلىكىڭگە ئالامەت بولىشى ئۈچۈن خۇددى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا تەۋرات بىراقلا چۈشكەندەك ساڭا قۇرئان كەرىمنىڭ بىراقلا چۈشىشىنى سورايدۇ، ئۇلارنىڭ بۇ سۆزىنى چوڭ بىلىپ كەتمىگىن، ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن سەندىن سورىغان سوئالدىن چوڭراقىنى سورىغان، ئۇلار مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن ئاللاھنى ئاشكارا كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلغان، ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا جازا بولۇپ ئۇلارنى چاقماق سوقۇپ ئۆلگەن، ئاندىن ئاللاھ ئۇلارنى تىرىلدۈرگەن، ئاللاھنىڭ بىرلىكى ۋە ئىلاھلىق ۋە پەرۋەردىگارلىقتا يالغۇز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئوچۇق ئايەتلەر كەلگەندىن كېيىنمۇ ئاللاھنى قويۇپ موزايغا ئىبادەت قىلغان، ئاندىن بىز ئۇلارنىڭ خاتالىقىنى ئەپۇ قىلىۋەتتۇق، مۇسا ئەلەيھىسسالامغا قەۋمىنى يېتەكلەيدىغان روشەن ھۆججەتنى بەردۇق.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ