سۈرە 4 · پارە 5
سورة النساء · 4:129
وَلَنْ تَسْتَطِيعُوا أَنْ تَعْدِلُوا بَيْنَ النِّسَاءِ وَلَوْ حَرَصْتُمْ ۖ فَلَا تَمِيلُوا كُلَّ الْمَيْلِ فَتَذَرُوهَا كَالْمُعَلَّقَةِ ۚ وَإِنْ تُصْلِحُوا وَتَتَّقُوا فَإِنَّ اللَّهَ كَانَ غَفُورًا رَحِيمًا
قانچە تىرىشساڭلارمۇ ئاياللىرىڭلارغا (مۇھەببەتتە ۋە دىلنىڭ مايىللىقىدا) باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇشقا ھەرگىز قادىر بولالمايسىلەر، شۇنىڭ ئۈچۈن بىرسىگە پۈتۈنلەي مايىل بولۇپ، ئىككىنچىسىنى (ئېرى باردەكمۇ ئەمەس، يوقتەكمۇ ئەمەس) ئېسىپ قويۇلغان ئايالدەك تاشلاپ قويماڭلار، ئەگەر (بۇ جەھەتتىكى قۇسۇرلىرىڭلارنى) تۈزەتسەڭلار، (ئۇلارغا زۇلۇم قىلىشتىن) ساقلانساڭلار، اﷲ ئەلۋەتتە (سىلەرگە) مەغپىرەت قىلىدۇ، رەھىم قىلىدۇ
تەپسىر
ئەي ئەرلەر! ئۆز ئىرادەڭلارنىڭ سىرتىدا بولغان بىر قىسىم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھەرقانچە تىرىشساڭلارمۇ ئاياللىرىڭلار ئارىسىدا كۆڭۈلنىڭ مايىللىقىدا تولۇق ئادىللىق قىلالمايسىلەر. شۇڭا ئۆزۈڭلار ياقتۇرمايدىغان ئايالىڭلاردىن پۈتۈنلەي يۈز ئۆرۈپ، ئۇنى كۆڭۈل بۆلىدىغان ئېرى باردەكمۇ ئەمەس، باشقا ئەرگە تېگەي دېسە ئېرى يوقتەكمۇ ئەمەس، ئېسىپ قويۇلغاندەك تاشلاپ قويماڭلار. كۆڭلۈڭلار ئۇنىمىسىمۇ ئۆزۈڭلارنى ئايالنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلىشقا مەجبۇرلاش ئارقىلىق ئاراڭلارنى تۈزىسەڭلار، ئاياللار توغرىسىدا ئاللاھتىن قورقساڭلار، شەكسىزكى ئاللاھ تائالا تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، سىلەرگە رەھىمدىلدۇر.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ