سۈرە 4 · پارە 5
سورة النساء · 4:128
وَإِنِ امْرَأَةٌ خَافَتْ مِنْ بَعْلِهَا نُشُوزًا أَوْ إِعْرَاضًا فَلَا جُنَاحَ عَلَيْهِمَا أَنْ يُصْلِحَا بَيْنَهُمَا صُلْحًا ۚ وَالصُّلْحُ خَيْرٌ ۗ وَأُحْضِرَتِ الْأَنْفُسُ الشُّحَّ ۚ وَإِنْ تُحْسِنُوا وَتَتَّقُوا فَإِنَّ اللَّهَ كَانَ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرًا
ئەگەر بىرەر ئايال ئېرىنىڭ كۆڭۈلسىز بولۇشىدىن ياكى يۈز ئۆرۈشىدىن ئەندىشە قىلسا، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا كېلىشىشى ھېچ گۇناھ ئەمەس، كېلىشىش (ئۈزلۈشۈپ كېتىشتىن) ياخشى. ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىگە بېخىللىق سىڭىپ كەتكەن، ئەگەر (ئاياللىرىڭلارغا) ياخشىلىق قىلساڭلار، (ئۇلارغا زۇلۇم قىلىشتىن) ساقلانساڭلار (اﷲ سىلەرنى مۇكاپاتلايدۇ). اﷲ ھەقىقەتەن قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر
تەپسىر
ئەگەر بىرەر ئايال ئېرىنىڭ ئۆزىنى تاشلىۋېتىشىدىن ياكى كۆڭلى سوۋۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ قالسا، ئايال كىشى نەپىقە ۋە قونالغۇ ھەققى دېگەندەك ئۆزىگە تېگىشلىك بولغان بىر قسىىم ھەقلىرىدىن ۋاز كېچىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىككەيلەن ئۆزئارا كېلىشسە، ئۇلارغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. بۇنداق ھالەتتە مۇشۇنداق كېلىشىش ھەر ئىككەيلەن ئۈچۈن ئاجراشقاندىن ياخشىدۇر. كۆڭۈللەرنىڭ تەبىئىتىگە ھېرىسمەنلىك ۋە بېخىللىق سىڭىپ كەتكەن بولغاچقا، ئايالنى ئۆزىگە تېگىشلىك بولغان ھەقلىرىدىن ۋاز كېچىشكە بەك تەرغىب قىلىپ كەتمىگىن. ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن كۆڭلىنى كەڭ قورساقلىق ۋە ئېھسانغا كۆندۈرۈش ئارقىلىق بۇ خاراكتېرىنى تۈزىتىشى كېرەك. ئەگەر سىلەر بارچە ئىشلىرىڭلاردا ئېھسان بىلەن ئىش قىلساڭلار، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە توسقانلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن قورقساڭلار، شەكسىزكى ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر، ئۇنىڭغا ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ ۋە سىلەرگە ھەربىر ئىشقا قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ