سۈرە 39 · پارە 23

سورة الزمر · 39:24

أَفَمَنْ يَتَّقِي بِوَجْهِهِ سُوءَ الْعَذَابِ يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۚ وَقِيلَ لِلظَّالِمِينَ ذُوقُوا مَا كُنْتُمْ تَكْسِبُونَ

قىيامەت كۈنى قاتتىق ئازابنى يۈزى بىلەن مۇداپىئە قىلىدىغان ئادەم (ئازابقا دۇچار بولمايدىغان ئادەم بىلەن ئوخشاشمۇ؟) زالىملارغا (يەنى كاپىرلارغا): «قىلغان گۇناھىڭلارنىڭ جازاسىنى تېتىڭلار» (دېيىلىدۇ)

تەپسىر

ئاللاھ تائالا ھىدايەتكە ئېرىشتۈرۈپ، بۇ دۇنيادا مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلىپ، ئاخىرەتتە جەننەتكە كىرگۈزگەن ئادەم بىلەن، كاپىر بولغان ۋە كۇپرىسى ئۈستىدە جان ئۈزۈپ، ئاللاھ ئۇنى قول - پۇتلىرى باغلانغان ھالدا دوزاخقا تاشلىغان، دوزاخنىڭ ئوتىدىن ئۆزىنى قوغدىيالمايدىغان، پەقەت ئۇنىڭغا يۈزىچە دۈم تاشلىنىدىغان ئادەمگە ئوخشاش بولامدۇ؟. كۇپرى ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلىرى سەۋەبلىك ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان زالىملارغا كايىش تەرزىدە: ئۆزۈڭلار قىلغان كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەرنىڭ تەمىنى تېتىڭلار، سىلەرنىڭ جازايىڭلار مانا مۇشۇ، دېيىلىدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ