سۈرە 39 · پارە 23

سورة الزمر · 39:23

اللَّهُ نَزَّلَ أَحْسَنَ الْحَدِيثِ كِتَابًا مُتَشَابِهًا مَثَانِيَ تَقْشَعِرُّ مِنْهُ جُلُودُ الَّذِينَ يَخْشَوْنَ رَبَّهُمْ ثُمَّ تَلِينُ جُلُودُهُمْ وَقُلُوبُهُمْ إِلَىٰ ذِكْرِ اللَّهِ ۚ ذَٰلِكَ هُدَى اللَّهِ يَهْدِي بِهِ مَنْ يَشَاءُ ۚ وَمَنْ يُضْلِلِ اللَّهُ فَمَا لَهُ مِنْ هَادٍ

اﷲ سۆزلەرنىڭ ئەڭ چىرايلىقى بولغان قۇرئاننى نازىل قىلدى. (پاساھەتتە، بالاغەتتە) ئۇنىڭ بەزىسى بەزىسىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، (ۋەز - نەسىھەتلەر، ئەھكاملار، قىسسىلەر ئۇنىڭدا) تەكرارلىنىدۇ، (قۇرئاندىكى ئازاب ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا) پەرۋەردىگارىدىن قورقىدىغان كىشىلەرنىڭ بەدەنلىرى تىترەيدۇ، ئاندىن اﷲ نىڭ زىكرى ئۈچۈن (يەنى اﷲ نىڭ رەھمىتى، مەغپىرىتىگە دائىر ئايەتلەر تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا)، ئۇلارنىڭ بەدەنلىرى ۋە دىللىرى يۇمشاپ (ئارام تاپىدۇ)، ئەنە شۇ (يەنى قۇرئان) اﷲ نىڭ ھىدايىتىدۇركى، ئۇنىڭ بىلەن (اﷲ) خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، اﷲ ئازدۇرغان ئادەمگە ھېچ ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ

تەپسىر

ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا سۆزنىڭ ئەڭ ياخشىسى بولغان قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلغان بولۇپ، ئۇنى چىنلىقى، گۈزەللىكى، بىردەكلىككە ئىگە بولۇشى، زىت بولماسلىقى جەھەتلەردە بىر - بىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ھالەتتە نازىل قىلغان. ئۇنىڭدا قىسسە ۋە ئەھكاملار، ۋەدە ۋە تەھدىتلەر، ھەقىقەتپەرۋەرلەرنىڭ ۋە ناھەقچىلىك تەرەپدارلىرىنىڭ سۈپەتلىرى، شۇنداقلا ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇنلىغان مەزمۇنلار بار. پەرۋەردىگارىدىن قورقىدىغان كىشىلەر ئۇنى ئاڭلىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭدىكى قورقۇنچلۇق تەھدىتلەردىن تېرىلىرى شۈركىنىپ كەتسە، ئۇنى ئاڭلىغان ۋاقىتتىكى ئۈمىد ۋە خۇش بېشارەتلەردىن تېرىلىرى ۋە قەلبلىرى ئاللاھنىڭ زىكرىگە يۇمشاپ كېتىدۇ. قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان بۇ بايانلار ۋە ئۇنىڭ تەسىرى ئاللاھنىڭ ھىدايىتىدۇركى، ئاللاھ بۇ ئارقىلىق خالىغان بەندىسىنى توغرا يولغا يېتەكلەيدۇ. ئاللاھ تائالا كىمنى خار قىلىپ، ھىدايەتكە مۇۋەپپەق قىلمايدىكەن، ئۇنى توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان ھېچكىم بولمايدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ