سۈرە 35 · پارە 22

سورة فاطر · 35:43

اسْتِكْبَارًا فِي الْأَرْضِ وَمَكْرَ السَّيِّئِ ۚ وَلَا يَحِيقُ الْمَكْرُ السَّيِّئُ إِلَّا بِأَهْلِهِ ۚ فَهَلْ يَنْظُرُونَ إِلَّا سُنَّتَ الْأَوَّلِينَ ۚ فَلَنْ تَجِدَ لِسُنَّتِ اللَّهِ تَبْدِيلًا ۖ وَلَنْ تَجِدَ لِسُنَّتِ اللَّهِ تَحْوِيلًا

(بۇنداق بولۇشى) ئۇلارنىڭ زېمىندا تەكەببۇرلۇق قىلغانلىقلىرى ۋە ھىيلە - مىكىر ئىشلەتكەنلىكلىرىدىندۇر. ھىيلە - مىكىرنىڭ ۋابالى پەقەت ھىيلە - مىكىر ئىشلەتكەن ئادەمنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ، ئۇلار پەقەت ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە قوللىنىلغان (اﷲ نىڭ ئۇلارنى ھالاك قىلىش ۋە جازالاشتىن ئىبارەت) يولىنىلا كۈتىدۇ، اﷲ نىڭ (مەخلۇقاتلار ئۈستىدە قوللانغان) يولىدا ھەرگىزمۇ ھېچقانداق ئۆزگىرىشنى كۆرمەيسەن، اﷲ يولىدا ھەرگىز يۆتكىلىشنىمۇ (يەنى ئازابنىڭ ئازابقا تېگىشلىك بولغانلار ئۈستىدىن باشقىلارنىڭ ئۈستىگە يۆتكىلىشىنى) كۆرمەيسەن

تەپسىر

ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتە ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلغانلىقى نىيەتلىرىنىڭ ياخشىلىقىدىن ئەمەس، بەلكى يەر - يۈزىدە تەكەببۇرلۇق قىلىش ۋە كىشىلەرنى ئالداش ئۈچۈندۇر. سۇيىقەستنىڭ ۋابالى پەقەت شۇنداق قىلغانلارغا بولىدۇ. بۇ تەكەببۇر، ھىيلىگەرلەر ئاللاھنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنىيىتىنىلا كۈتىدۇكى، ئۇ قانۇنىيەت بولسا مۇشۇلارنىڭمۇ ئىلگىرىكىلەرگە ئوخشاش ھالاك قىلىنىشىدۇر. سەن ئاللاھنىڭ تەكەببۇرلارنى ھالاك قىلىشتىكى قانۇنىيىتىدە ئۇلارغا ئازاب كەلمەي قالىدىغان بىرەر ئۆزگىرىش ياكى باشقىلارغا (خاتا) كېلىپ قالىدىغان بىرەر ئالمىشىپ كېتىش تاپالمايسەن. چۈنكى ئۇ ئۆزگەرمەس ئىلاھىي قانۇنىيەتتۇر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ