سۈرە 35 · پارە 22

سورة فاطر · 35:42

وَأَقْسَمُوا بِاللَّهِ جَهْدَ أَيْمَانِهِمْ لَئِنْ جَاءَهُمْ نَذِيرٌ لَيَكُونُنَّ أَهْدَىٰ مِنْ إِحْدَى الْأُمَمِ ۖ فَلَمَّا جَاءَهُمْ نَذِيرٌ مَا زَادَهُمْ إِلَّا نُفُورًا

ئۇلار ئۆزلىرىگە ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) كەلسە، ھەر قانداق ئۈممەتكە قارىغاندا ئەڭ ھىدايەت تاپقۇچى بولىدىغانلىقلىرى بىلەن قاتتىق قەسەم ئىچىشتى. ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلگەن چاغدا (ھىدايەتتىن) تېخىمۇ يىراق بولۇشتى

تەپسىر

بۇ ئىنكارچى كاپىرلار ئۆزلىرىگە ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرىدىغان بىرەر پەيغەمبەر كەلسە، چوقۇم ئۆزلىرىنىڭ يەھۇدىيلار، ناسارالار ۋە باشقىلارغا قارىغاندا ئەڭ توغرا يولدا بولىدىغانلىقى ھەم ھەقىقەتكە ئەڭ كۆپ ئەگىشىدىغانلىقى ھەققىدە ناھايىتى كۈچلۈك قەسەملەرنى قىلىشتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇتىدىغان پەيغەمبەر بولۇپ كەلگەن چاغدا، ئۇنىڭ كەلگەنلىكى ئۇلارنى ھەقىقەتتىن تېخىمۇ يىراقلاشتۇرۇپ، باتىلغا تېخىمۇ باغلىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىلگىرىكىلەردىن بەكرەك توغرا يول تاپقۇچىلار بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت كۈچلۈك قەسەملىرىگىمۇ ئەمەل قىلمىدى.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ