سۈرە 35 · پارە 22

سورة فاطر · 35:40

قُلْ أَرَأَيْتُمْ شُرَكَاءَكُمُ الَّذِينَ تَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ أَرُونِي مَاذَا خَلَقُوا مِنَ الْأَرْضِ أَمْ لَهُمْ شِرْكٌ فِي السَّمَاوَاتِ أَمْ آتَيْنَاهُمْ كِتَابًا فَهُمْ عَلَىٰ بَيِّنَتٍ مِنْهُ ۚ بَلْ إِنْ يَعِدُ الظَّالِمُونَ بَعْضُهُمْ بَعْضًا إِلَّا غُرُورًا

ئېيتقىنكى، «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ؟ سىلەر اﷲ نى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىڭلار (نېمە بىلەن چوقۇنۇشقا لايىق بولدى؟) ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلاركى، ئۇلار زېمىندىن نېمىلەرنى ياراتتى؟ يا ئۇلار ئاسمانلارنى اﷲ بىلەن بىرلىكتە ياراتتىمۇ؟ يا ئۇلارغا بىز بىر كىتاب بەرگەن بولۇپ، ئۇلار شۇ كىتابتىكى روشەن دەلىللەرگە ئاساسلىنامدۇ؟» ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، زالىملار بىر - بىرىگە پەقەت يالغاننىلا ۋەدە قىلىشىدۇ

تەپسىر

ئى پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىڭلار ھەققىدە سۆزلەپ بېقىڭلارچۇ؟ ئۇلار زېمىندىن نېمىنى ياراتتى؟ زېمىننىڭ تاغلىرىنى ياراتتىمۇ؟ دەريالىرىنى ياراتتىمۇ؟ ھايۋانلىرىنى ياراتتىمۇ؟ ياكى ئۇلارنىڭ ئاسمانلارنى يارىتىشتا ئاللاھقا شېرىكچىلىكى بارمۇ؟ ياكى بىز ئۇلارغا بۇتلىرىغا چوقۇنۇشنىڭ توغرىلىقى ھەققىدە دەلىل بار بىرەر كىتاب بەردۇقمۇ؟ بۇ ئىشلاردىن ھېچبىرى يۈز بەرگىنى يوق. ئەكسىچە كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەت بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار بىر - بىرىنى پەقەت ئالدايدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ