سۈرە 35 · پارە 22

سورة فاطر · 35:39

هُوَ الَّذِي جَعَلَكُمْ خَلَائِفَ فِي الْأَرْضِ ۚ فَمَنْ كَفَرَ فَعَلَيْهِ كُفْرُهُ ۖ وَلَا يَزِيدُ الْكَافِرِينَ كُفْرُهُمْ عِنْدَ رَبِّهِمْ إِلَّا مَقْتًا ۖ وَلَا يَزِيدُ الْكَافِرِينَ كُفْرُهُمْ إِلَّا خَسَارًا

اﷲ سىلەرنى زېمىندا ئورۇنباسارلار قىلدى، كىمكى كاپىر بولىدىكەن، ئۇنىڭ كۇفرىنىڭ زىيىنى ئۆزىگە بولىدۇ، كاپىرلارنىڭ كۇفرى پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا پەقەت غەزەپنىلا زىيادە قىلىدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ كۇفرى ئۇلارنى اﷲ نىڭ رەھمىتىدىن تېخىمۇ يىراقلاشتۇرىدۇ)، كاپىرلارنىڭ كۇفرى ئۇلارغا پەقەت ھالاكەتنىلا زىيادە قىلىدۇ

تەپسىر

ئى ئىنسانلار! ئاللاھ قانداق ئەمەل قىلىدىغانلىقىڭلارنى سىناش ئۈچۈن سىلەرنى زېمىندا بىر - بىرىڭلارغا ئورۇنباسار قىلدى. كىمكى ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن نەرسىگە كاپىر بولىدىكەن، ئۇنىڭ كۇپرىسىنىڭ گۇناھى ھەم جازاسى ئۆزىگە بولىدۇ. ئۇنىڭ كۇپرىسى پەرۋەردىگارىغا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. كاپىرلارنىڭ كۇپرى پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا پەقەت ئېغىر غەزەبنىلا زىيادە قىلىدۇ، كاپىرلارنىڭ كۇپرى پەقەت زىياننىلا ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. چۈنكى ئۇلار ناۋادا ئىمان ئېيتقان بولسا ئاللاھ ئۇلارغا تەييارلايدىغان جەننەتتىن قۇرۇق قالىدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ