سۈرە 32 · پارە 21
سورة السجدة · 32:9
ثُمَّ سَوَّاهُ وَنَفَخَ فِيهِ مِنْ رُوحِهِ ۖ وَجَعَلَ لَكُمُ السَّمْعَ وَالْأَبْصَارَ وَالْأَفْئِدَةَ ۚ قَلِيلًا مَا تَشْكُرُونَ
ئاندىن ئۇنى راۋۇرۇس يارىتىپ، ئۇنىڭغا ئۆزىگە مەنسۇپ روھنى كىرگۈزدى (يەنى جاننى كىرگۈزدى). يەنە سىلەر ئۈچۈن قۇلاقلارنى، كۆزلەرنى ۋە يۈرەكلەرنى ياراتتى، سىلەر ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر
تەپسىر
ئاندىن ئىنساننى راۋرۇس يارىتىپ، ئۇنىڭغا روھ پۈۋلەشكە مۇئەككەل پەرىشتىنى بۇيرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۆز روھىدىن كىرگۈزدى. ئى ئىنسانلار! ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاڭلىسۇن دەپ قۇلاق، كۆرسۇن دەپ كۆز، چۈشەنسۇن دەپ قەلبلەرنى ياراتتى. ئاللاھ سىلەرگە ئاتا قىلغان بۇ نېئمەتلەرگە ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ