سۈرە 32 · پارە 21

سورة السجدة · 32:10

وَقَالُوا أَإِذَا ضَلَلْنَا فِي الْأَرْضِ أَإِنَّا لَفِي خَلْقٍ جَدِيدٍ ۚ بَلْ هُمْ بِلِقَاءِ رَبِّهِمْ كَافِرُونَ

ئۇلار: «يەر ئاستىدا يوقالغاندىن كېيىن (يەنى گۆردە توپىغا ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن) راستلا قايتا يارىتىلامدۇق؟» دەيدۇ، بەلكى ئۇلار پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولۇشنى ئىنكار قىلغۇچىلاردۇر

تەپسىر

قايتىدىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغان مۇشرىكلار: بىز ئۆلۈپ، يەر ئاستىدا غايىب بولساق، جەسەتلىرىمىز توپىغا ئايلىنىپ كەتسىمۇ بىز يەنە تىرىلەمدۇق؟ بۇ ئەقىلگە سىغمايدۇ، دېيىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار قايتىدىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچىلاردۇر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ