سۈرە 32 · پارە 21
سورة السجدة · 32:4
اللَّهُ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَا فِي سِتَّةِ أَيَّامٍ ثُمَّ اسْتَوَىٰ عَلَى الْعَرْشِ ۖ مَا لَكُمْ مِنْ دُونِهِ مِنْ وَلِيٍّ وَلَا شَفِيعٍ ۚ أَفَلَا تَتَذَكَّرُونَ
اﷲ ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتتى، ئاندىن ئەرش ئۈستىدە (ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) قارار ئالدى. سىلەرگە اﷲ تىن باشقا ھېچقانداق ئىگە يوق، شاپائەت قىلغۇچىمۇ يوق (بۇنى) پىكىر قىلىپ (ئىمان ئېيتمامسىلەر؟)
تەپسىر
ئاللاھ ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتتى، ھالبۇكى ئۇ بۇلارنى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلىكمۇ بولمىغان ۋاقىتتا يارىتىشقا قادىر ئىدى. ئاندىن ئەرش ئۈستىدە ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە قارار ئالدى. ئى ئىنسانلار! سىلەر ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا ئىشىڭلارغا ئىگە بولىدىغان ھېچقانداق ئىگە ياكى پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىدا شاپائەت قىلىدىغان شاپائەتچىمۇ يوق. ئۇنداق بولغانىكەن، تەپەككۇر قىلىپ، شېرىك كەلتۈرمەستىن ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلارغا قۇلچىلىق قىلمامسىلەر؟
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ