سۈرە 32 · پارە 21

سورة السجدة · 32:3

أَمْ يَقُولُونَ افْتَرَاهُ ۚ بَلْ هُوَ الْحَقُّ مِنْ رَبِّكَ لِتُنْذِرَ قَوْمًا مَا أَتَاهُمْ مِنْ نَذِيرٍ مِنْ قَبْلِكَ لَعَلَّهُمْ يَهْتَدُونَ

مۇشرىكلار: «مۇھەممەد ئۇنى ئۆزى توقۇدى» دەيدۇ. ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇ سەندىن ئىلگىرى ھېچقانداق بىر پەيغەمبەر كەلمىگەن بىر قەۋمنى ھىدايەت تاپسۇن دەپ، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەتتۇر

تەپسىر

ھەقىقەتەن بۇ كاپىرلار: مۇھەممەد ئۇنى ئۆزى توقۇۋالدى، دەيدۇ. ئەي پەيغەمبەر! ئەمەلىيەت ئۇلار دېگەندەك ئەمەس، بەلكى ئۇ قۇرئان قىلچە شەك بولمىغان ھەقىقەتتۇركى، ئۇ سەندىن ئىلگىرى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرىدىغان ھېچقانداق پەيغەمبەر كەلمىگەن قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار ھىدايەت تېپىپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، شۇ بويىچە ئەمەل قىلىۋالسۇن.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ