سۈرە 32 · پارە 21

سورة السجدة · 32:23

وَلَقَدْ آتَيْنَا مُوسَى الْكِتَابَ فَلَا تَكُنْ فِي مِرْيَةٍ مِنْ لِقَائِهِ ۖ وَجَعَلْنَاهُ هُدًى لِبَنِي إِسْرَائِيلَ

شەك - شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا كىتاب (يەنى تەۋراتنى) ئاتا قىلدۇق. (ئى مۇھەممەد!) سەن (مىراج كېچىسىدە، يا قىيامەت كۈنىدە) مۇساغا مۇلاقات بولۇشتىن شەكلەنمىگىن، بىز تەۋراتنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا يېتەكچى قىلدۇق

تەپسىر

ھەقىقەتەن بىز مۇساغا تەۋراتنى ئاتا قىلدۇق. ئەي پەيغەمبەر! سەن مىراج كېچىسىدە مۇسا بىلەن ئۇچراشقىنىڭدىن شەكتە بولمىغىن. بىز مۇساغا نازىل قىلىنغان كىتابنى بەنى ئىسرائىلنى ئازغۇنلۇقتىن توغرا يولغا يېتەكلىگۈچى قىلدۇق.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ