سۈرە 32 · پارە 21

سورة السجدة · 32:22

وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنْ ذُكِّرَ بِآيَاتِ رَبِّهِ ثُمَّ أَعْرَضَ عَنْهَا ۚ إِنَّا مِنَ الْمُجْرِمِينَ مُنْتَقِمُونَ

پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرى بىلەن ۋەز - نەسىھەت قىلىنغان، ئاندىن ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەن ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ بىز گۇناھكارلارنى چوقۇم جازالايمىز

تەپسىر

ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى بىلەن ۋەز - نەسىھەت قىلىنغان، ئاندىن ئۇنىڭدىن پەند - نەسىھەت ئالماي، پەرۋاسىزلارچە يۈز ئۆرۈگەن ئادەمدىنمۇ زالىمراق بىرى يوق. بىز كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەر بىلەن ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن يۈز ئۆرۈگەن گۇناھكارلارنى شەكسىز جازالايمىز.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ