سۈرە 31 · پارە 21

سورة لقمان · 31:21

وَإِذَا قِيلَ لَهُمُ اتَّبِعُوا مَا أَنْزَلَ اللَّهُ قَالُوا بَلْ نَتَّبِعُ مَا وَجَدْنَا عَلَيْهِ آبَاءَنَا ۚ أَوَلَوْ كَانَ الشَّيْطَانُ يَدْعُوهُمْ إِلَىٰ عَذَابِ السَّعِيرِ

ئەگەر ئۇلارغا: «اﷲ نازىل قىلغان نەرسە (يەنى قۇرئان) غا ئەگىشىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار: «ياق، بىز ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ دىنىغا ئەگىشىمىز» دەيدۇ، شەيتان ئۇلارنى دوزاخ ئازابىغا چاقىرغان تۇرسا (ئۇلار يەنىلا ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ دىنىغا ئەگىشەمدۇ؟)

تەپسىر

ناۋادا ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانىلىكىدە دەتالاش قىلىدىغان بۇ كىشىلەرگە: ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىگە نازىل قىلغان ۋەھىيگە ئەگىشىڭلار، دېيىلسە، ئۇلار: بىز ئۇنىڭغا ئەگەشمەيمىز، ئەكسىچە ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ ئىلاھلارغا چوقۇنۇشتىكى يولىغا ئەگىشىمىز، دېيىشىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىنى شەيتان بۇتلارغا چوقۇندۇرۇش ئارقىلىق ئازدۇرۇپ، قىيامەت كۈنىدىكى دوزاخ ئوتىغا چاقىرغان بولسىمۇ يەنىلا شۇلارغا ئەگىشەمدۇ؟

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ