سۈرە 31 · پارە 21
سورة لقمان · 31:20
أَلَمْ تَرَوْا أَنَّ اللَّهَ سَخَّرَ لَكُمْ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ وَأَسْبَغَ عَلَيْكُمْ نِعَمَهُ ظَاهِرَةً وَبَاطِنَةً ۗ وَمِنَ النَّاسِ مَنْ يُجَادِلُ فِي اللَّهِ بِغَيْرِ عِلْمٍ وَلَا هُدًى وَلَا كِتَابٍ مُنِيرٍ
بىلمەمسىلەركى، اﷲ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممىنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى (يەنى سىلەرنىڭ پايدىلىنىشىڭلارغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ بەردى). سىلەرگە ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن (يەنى ماددىي ۋە مەنىۋى) نېمەتلەرنى كامالەتكە يەتكۈزۈپ بەردى. بەزى كىشىلەر ھېچقانداق ئىلىمسىز، ھىدايەتسىز ۋە نۇرلۇق كىتابسىز ھالدا اﷲ بارىسىدا جېدەللىشىدۇ
تەپسىر
ئەي ئىنسانلار! بىلمەمسىلەر ۋە كۆرمەمسىلەركى، ئاللاھ ئاسمانلاردىكى قۇياشنى، ئاينى ۋە باشقا پىلانېتالارنى پايدىلىنىش قولاي ھالەتتە يارىتىپ بەردى، ئۇ يەر يۈزىدىكى جانىۋارلار، دەل - دەرەخلەر ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىمۇ سىلەرنىڭ (پايدىلىنىشىڭلارغا) سۇندى، تەقى - تۇرقى ۋە قىياپەتنىڭ گۈزەل بولۇشىغا ئوخشاش كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان نېئمەتلەرنى، ئەقىل ۋە ئىلىمگە ئوخشاش مەخپىي، كۆرۈنمەيدىغان نېئمەتلەرنى مۇكەممەل قىلدى. مۇشۇنداق نېئمەتلەرگە ئېرىشىپ تۇرۇپمۇ بىر قىسىم كىشىلەر ئاللاھنىڭ ۋەھىيسىگە ياكى ئۆتكۈر ئەقىلگە تايانغان ئىلمىي ئاساسسىز، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن نازىل قىلىنغان روشەن كىتابسىز ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانىلىكى ھەققىدە دەتالاش قىلىدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ