سۈرە 3 · پارە 3

سورة آل عمران · 3:79

مَا كَانَ لِبَشَرٍ أَنْ يُؤْتِيَهُ اللَّهُ الْكِتَابَ وَالْحُكْمَ وَالنُّبُوَّةَ ثُمَّ يَقُولَ لِلنَّاسِ كُونُوا عِبَادًا لِي مِنْ دُونِ اللَّهِ وَلَٰكِنْ كُونُوا رَبَّانِيِّينَ بِمَا كُنْتُمْ تُعَلِّمُونَ الْكِتَابَ وَبِمَا كُنْتُمْ تَدْرُسُونَ

اﷲ بىرەر ئىنسانغا كىتابنى، ھېكمەتنى، پەيغەمبەرلىكنى بەرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ كىشىلەرگە: «اﷲ نى قويۇپ ماڭا بەندە بولۇڭلار» دېيىشى لايىق بولمايدۇ (يەنى پەيغەمبەردىن مۇنداق گەپنىڭ سادىر بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ) ۋە لېكىن (ئۇ): «كىتابنى ئۆگەتكەنلىكىڭلار، ئوقۇغانلىقىڭلار ئۈچۈن رەببانى بولۇڭلار» (دەيدۇ)

تەپسىر

ئاللاھ ئۆزىنىڭ ھوزۇرىدىن نازىل قىلىنغان كىتابنى بەرگەن، ئۇنىڭغا ئىلىم-چۈشەنچە ئاتا قىلغان، ئۇنى پەيغەمبەر قىلىپ تاللىغان بىر كىشىنىڭ شۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەرگە: ئاللاھنى قويۇپ ماڭا ئىبادەت قىلىڭلار دېيىشى لايىق بولمايدۇ، لېكىن ئۇ ئىنسانلارغا: ئىلمىگە ئەمەل قىلىپ كىشىلەرنى تەربىيلەيدىغان ئۆلىمالاردىن بولۇڭلار. سىلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابنى كىشىلەرگە تەلىم بېرىشىڭلار سەۋەبىدىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرىنى ئىسلاھ قىلىدۇ، سىلەر كىتابتىن ئېسىڭلاردا تۇتقان ۋە چۈشەنگەن نەرسىلەرنى دەرىسلىك قىلىسىلەر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ