سۈرە 3 · پارە 3
سورة آل عمران · 3:78
وَإِنَّ مِنْهُمْ لَفَرِيقًا يَلْوُونَ أَلْسِنَتَهُمْ بِالْكِتَابِ لِتَحْسَبُوهُ مِنَ الْكِتَابِ وَمَا هُوَ مِنَ الْكِتَابِ وَيَقُولُونَ هُوَ مِنْ عِنْدِ اللَّهِ وَمَا هُوَ مِنْ عِنْدِ اللَّهِ وَيَقُولُونَ عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ وَهُمْ يَعْلَمُونَ
ئۇلاردىن (يەنى يەھۇدىيلاردىن) بىر تۈركۈمى كىتابتا بولمىغان نەرسىلەرنى، سىلەرنىڭ كىتابتا بار ئىكەن دەپ ئويلىشىڭلار ئۈچۈن، تىللىرىنى ئەگرى - بۈگرى قىلىپ ئوقۇيدۇ ۋە ئۇنى اﷲ تەرىپىدىن نازىل بولغان دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇ اﷲ تەرىپىدىن نازىل بولغان ئەمەس، ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ اﷲ نامىدىن يالغاننى توقۇيدۇ
تەپسىر
يەھۇدىيلاردىن بىر تائىپە ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان تەۋراتتا يوق نەرسىلەرنى قوشۇپ ئوقۇپ بېرىۋاتىدۇ، سىلەر ئۇلارنى تەۋرات ئوقۇۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ قالىسىلەر، بەلكى ئۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھقا قىلغان يالغان-توقۇلمىلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلار: بىز ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان كىتابنى ئوقۇۋاتىمىز دەيدۇ، لېكىن ئۇ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان كىتاب ئەمەس، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا .يالغاننى توقۇغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھقا يالغاننى نىسبەت بېرىدۇ
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ