سۈرە 3 · پارە 3

سورة آل عمران · 3:20

فَإِنْ حَاجُّوكَ فَقُلْ أَسْلَمْتُ وَجْهِيَ لِلَّهِ وَمَنِ اتَّبَعَنِ ۗ وَقُلْ لِلَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ وَالْأُمِّيِّينَ أَأَسْلَمْتُمْ ۚ فَإِنْ أَسْلَمُوا فَقَدِ اهْتَدَوْا ۖ وَإِنْ تَوَلَّوْا فَإِنَّمَا عَلَيْكَ الْبَلَاغُ ۗ وَاللَّهُ بَصِيرٌ بِالْعِبَادِ

(ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار سەن بىلەن (دىن بارىسىدا) مۇنازىرەلەشسە: «ماڭا ئەگەشكەنلەر بىلەن بىرلىكتە، مەن ئۆزۈمنى اﷲ قا تاپشۇردۇم (يەنى اﷲ نىڭ ئەمرلىرىگە بويسۇنغۇچىمىز)» دېگىن. كىتاب بېرىلگەنلەرگە (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغا) ۋە ئۈممىلەرگە (يەنى ئەرەب مۇشرىكلىرىغا): «مۇسۇلمان بولدۇڭلارمۇ؟» دېگىن، ئەگەر ئۇلار مۇسۇلمان بولسا، توغرا يول تاپقان بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە (ساڭا ھېچ زىيىنى يوق)، سېنىڭ پەقەت تەبلىغ قىلىش مەسئۇلىيىتىڭ بار، اﷲ بەندىلىرىنى (يەنى ھەممە ئەھۋالىنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر

تەپسىر

ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۇلار سەن بىلەن ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان ھەق دىن توغرىسىدا مۇنازىرىلەشسە، ئۇلارغا: مەن، ماڭا ئەگەشكەن مۆئمىنلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆزۈمنى ئاللاھغا تاپشۇردۇم دېگىن. ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: يەھۇدىي-ناسارالارغا ۋە ئەرەب مۇشرىكلىرىغا: مەن ئىلىپ كەلگەن دىنغا ئەگىشىش بىلەن ئاللاھقا سەمىمى بويسۇندۇڭلارمۇ؟دېگىن، ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا بويسۇنسا، سېنىڭ شەرىئىتىڭگە ئەگىشىدۇ، توغرا يولدا ماڭىدۇ، ئەگەر ئۇلار ئىسلامدىن يۈز ئۆرۈسە، ساڭا ھېچ زېيىنى يوق، سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت ئاللاھ سەن ئارقىلىق ئەۋەتكەن دىننى يەتكۈزۈشتۇر، ئۇلارنىڭ ئىشى ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ، ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر، ھەر قانداق ئەمەل قىلغۇچىنى قىلغان ئەمىلىگە يارىشا مۇكاپاتلايدۇ ياكى جازالايدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ