سۈرە 3 · پارە 3
سورة آل عمران · 3:19
إِنَّ الدِّينَ عِنْدَ اللَّهِ الْإِسْلَامُ ۗ وَمَا اخْتَلَفَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ إِلَّا مِنْ بَعْدِ مَا جَاءَهُمُ الْعِلْمُ بَغْيًا بَيْنَهُمْ ۗ وَمَنْ يَكْفُرْ بِآيَاتِ اللَّهِ فَإِنَّ اللَّهَ سَرِيعُ الْحِسَابِ
ھەقىقەتەن اﷲ نىڭ نەزىرىدە مەقبۇل دىن ئىسلام (دىنى) دۇر. كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) پەقەت ئۆزلىرىگە ئىلىم كەلگەندىن كېيىنلا ئۆزئارا ھەسەت قىلىشىپ ئىختىلاپ قىلىشتى (يەنى ئىسلامنىڭ ھەقلىقىنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى روشەن پاكىتلار ئارقىلىق بىلىپ تۇرۇپ، كۆرەلمەسلىكتىن ئىنكار قىلىشتى)، كىمكى اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىكەن (اﷲ ئۇنى يېقىندا جازالايدۇ)، اﷲ تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر
تەپسىر
ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەقبۇل دىن ئىسلام دىنىدۇر. ئۇ بولسىمۇ يالغۇز ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا قۇلچىلىق قىلىش بىلەن تولۇق بويسۇنۇش، ئاللاھنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبىرى، پەيغەمبەرلىك شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشقان ۋە ئۇنىڭ شەرىئىتىدىن باشقا دىن قوبۇل قىلىنمايدىغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە بولغان بارلىق پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتىشتۇر، يەھۇدىي-ناسارالارغا ئىسلام دىنىنىڭ ھەق ئىكەنلىكى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بەرھەق پەيغەمبەرلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئىلىم ۋە ھۆججەت كەلگەندىن كېيىن ھەسەت قىلىپ ۋە دۇنياغا ھېرىسمەن بولۇپ ئۆز-ئارا ئىختىلاپ قىلىشتى، كىمكى ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرگە نازىل قىلغان ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى ئۆزىگە كاپىر بولغانلىقى ۋە پەيغەمبەرنى ئىنكار قىلغانلىقى ئۈچۈن تىزدىن .ھېساب ئالىدۇ ۋە جازالايدۇ
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ