سۈرە 3 · پارە 3
سورة آل عمران · 3:14
زُيِّنَ لِلنَّاسِ حُبُّ الشَّهَوَاتِ مِنَ النِّسَاءِ وَالْبَنِينَ وَالْقَنَاطِيرِ الْمُقَنْطَرَةِ مِنَ الذَّهَبِ وَالْفِضَّةِ وَالْخَيْلِ الْمُسَوَّمَةِ وَالْأَنْعَامِ وَالْحَرْثِ ۗ ذَٰلِكَ مَتَاعُ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۖ وَاللَّهُ عِنْدَهُ حُسْنُ الْمَآبِ
ئاياللار، ئوغۇللار، ئالتۇن - كۈمۈشتىن توپلانغان كۆپ ماللار، ئارغىماقلار، چارۋىلار ۋە ئېكىنلەردىن ئىبارەت كۆڭۈل تارتىدىغان نەرسىلەرنىڭ مۇھەببىتى ئىنسانلارغا چىرايلىق كۆرسىتىلدى. ئۇلار دۇنيا تىرىكچىلىكىدە مەنپەئەتلىنىدىغان (باقاسى يوق) شەيئىلەردۇر؛ اﷲ نىڭ دەرگاھىدا بولسا قايتىدىغان گۈزەل جاي (يەنى جەننەت) باردۇر (شۇنىڭ ئۈچۈن باشقىغا ئەمەس، جەننەتكە قىزىقىش كېرەك)
تەپسىر
ئاللاھ تائالا خەۋەر بېرىپ: ئىنسانلارنى سىناش ئۈچۈن دۇنيالىق كۆڭۈل تارتىدىغان ئاياللار، ئوغۇللار، ئالتۇن-كۈمۈشتىن توپلانغان مال-دۇنيالار، تەربىيلەنگەن ئارغىماقلار، قوي، كالا ۋە تۆگىدىن ئىبارەت چارۋىلار ۋە ئىكىنزارلىقلاردىن ئىبارەت نەرسىلەرنىڭ مۇھەببىتىنى ئىنسانغا ياخشى كۆرىلىدىغان قىلدى، ئۇلار دۇنيا تىرىكچىلىكىدە مەلۇم مۇددەت مەنپەئەتلىنىدىغان ئاندىن يوقىلىدىغان نەرسىلەر بولۇپ، مۆئمىننىڭ ئۇنداق نەرسىلەرگە كۆڭۈل باغلىشى لايىق بولمايدۇ. ئاللاھ ھوزۇرىدىكى ئاسمان-زېمىننىڭ باراۋىرىدىكى جەننەتتىن ئىبارەت قايتىدىغان جاي ئەڭ ياخشى .ماكاندۇر
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ