سۈرە 3 · پارە 3

سورة آل عمران · 3:13

قَدْ كَانَ لَكُمْ آيَةٌ فِي فِئَتَيْنِ الْتَقَتَا ۖ فِئَةٌ تُقَاتِلُ فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَأُخْرَىٰ كَافِرَةٌ يَرَوْنَهُمْ مِثْلَيْهِمْ رَأْيَ الْعَيْنِ ۚ وَاللَّهُ يُؤَيِّدُ بِنَصْرِهِ مَنْ يَشَاءُ ۗ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَعِبْرَةً لِأُولِي الْأَبْصَارِ

(ئى يەھۇدىيلار جامائەسى! بەدرىدە جەڭ ئۈچۈن) ئۇچراشقان ئىككى گۇرۇھتا سىلەر ئۈچۈن ئىبرەت بار، بىرى اﷲ يولىدا ئۇرۇشۇۋاتقان گۇرۇھتۇر، يەنى بىر مۇسۇلمانلارنى (سانىنى) ئۆزلىرىدەك ئىككى باراۋەر ئوپئوچۇق كۆرگەن كاپىرلار گۇرۇھىدۇر (يەنى اﷲ كاپىرلارغا قورقۇنچ سېلىش بىلەن ئۇلارنى ئۇرۇشتىن قول يىغدۇرۇش ئۈچۈن، كاپىرلارغا مۇسۇلمانلارنىڭ سانىنى جىق كۆرسەتتى). اﷲ خالىغان كىشىگە ياردەم بېرىپ قوللايدۇ. بۇنىڭدا ھەقىقەتەن ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئىبرەت بار

تەپسىر

ئى يەھۇدىيلار گورۇھى! بەدىر كۈنىدە جەڭ ئۈچۈن ئۇچراشقان ئىككى قوشۇندا سىلەر ئۈچۈن ئىبرەت بار، ئىككى قوشۇننىڭ بىرى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلار ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىپ كاپىرلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلغۇچى، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغۇچى مۆمىنلەر قوشۇنىدۇر. يەنە بىرى، مەككىدىن رىياخورلۇق، پەخىرلىنىش ۋە تەرەپبازلىق بىلەن چىققان كاپىرلار گورۇھى بولۇپ، مۇسۇلمانلار ئۇلارنىڭ سانىنى ئۆزلىرىدىن ئىككى باراۋەر ھالەتتە ئىكەنلىكىنى ئوپئوچۇق كۆرىدۇ، ئاللاھ ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىغا ياردەم بېرىدۇ، خالىغان كىشىنى مەدەت بېرىش بىلەن كۈچلاندۇرىدۇ، ئۇنىڭدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ۋەز-نەسىھەت ۋە ئىبرەت باردۇر. شۇنى بىلىش كېرەككى، ئىمان ئەھلىنىڭ گەرچە سانى ئاز بولسىمۇ غەلبە ئۇلارغا مەنسۇپتۇر، باتىل-كۇپىر ئەھلىنىڭ سانى ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ ھامان مەغلۇب بولىدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ