سۈرە 29 · پارە 20

سورة العنكبوت · 29:41

مَثَلُ الَّذِينَ اتَّخَذُوا مِنْ دُونِ اللَّهِ أَوْلِيَاءَ كَمَثَلِ الْعَنْكَبُوتِ اتَّخَذَتْ بَيْتًا ۖ وَإِنَّ أَوْهَنَ الْبُيُوتِ لَبَيْتُ الْعَنْكَبُوتِ ۖ لَوْ كَانُوا يَعْلَمُونَ

اﷲ نى قويۇپ بۇتلارنى مەبۇد قىلىۋالغانلارنىڭ مىسالى ئۆي ياسىغان ئۆمۈچۈكنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ (يەنى ئۆمۈچۈكنىڭ ئۆيى ئۇنى ئىسسىق - سوغۇقتىن قوغدىيالمىغاندەك، ئۇلارنىڭ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىمۇ ئۇلارغا ھېچقانداق پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ)، ئۆيلەرنىڭ ئەڭ ئاجىزى ئۆمۈچۈكنىڭ ئۆيىدۇر. ئەگەر ئۇلار (بۇ ھەقىقەتنى) بىلسە ئىدى (بۇتلارغا چوقۇنمايتتى)

تەپسىر

ئۆزلىرىگە بىرەر پايدىسى تېگىپ قالارمىكى ياكى شاپائەت قىپ قالارمىكى دېگەن ئۈمىدتە ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان بۇتلارنى مەبۇد قىلىۋالغان مۇشرىكلارنىڭ مىسالى كۈشەندىلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغدىنىش ئۈچۈن ئۆي ئۆي ياسىغان ئۆمۈچۈكنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ. ھەقىقەتەن ئۆيلەرنىڭ ئەڭ ئاجىزى ئۆمۈچۈكنىڭ ئۆيىدۇر، چۈنكى ئۇ ئۆمۈچۈكنى كۈشەندىلىرىدىن قوغدىيالمايدۇ. شۇنىڭدەك مۇشرىكلارنىڭ بۇتلىرىمۇ ئۇلارغا پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، شاپائەتمۇ قىلالمايدۇ. ئەگەر مۇشرىكلار بۇنى بىلگەن بولسا ئىدى، ھەرگىزمۇ ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارنى مەبۇد قىلىۋالمايتتى.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ