سۈرە 29 · پارە 20
سورة العنكبوت · 29:40
فَكُلًّا أَخَذْنَا بِذَنْبِهِ ۖ فَمِنْهُمْ مَنْ أَرْسَلْنَا عَلَيْهِ حَاصِبًا وَمِنْهُمْ مَنْ أَخَذَتْهُ الصَّيْحَةُ وَمِنْهُمْ مَنْ خَسَفْنَا بِهِ الْأَرْضَ وَمِنْهُمْ مَنْ أَغْرَقْنَا ۚ وَمَا كَانَ اللَّهُ لِيَظْلِمَهُمْ وَلَٰكِنْ كَانُوا أَنْفُسَهُمْ يَظْلِمُونَ
(بۇ گۇناھكارلارنىڭ) ھەربىرىنى گۇناھى تۈپەيلىدىن جازالىدۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسىگە تاش ياغدۇردۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى قاتتىق تاۋۇش ھالاك قىلدى، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى (مال - مۈلكى بىلەن قوشۇپ) يەرگە يۇتقۇزدۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى (سۇدا) غەرق قىلدۇق، اﷲ ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدى، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى
تەپسىر
بىز يۇقىرىدا تىلغا ئىلىنغانلارنىڭ ھەر بىرىنى ھالاك قىلغۇچى ئازابىمىز بىلەن جازالىدۇق. ئۇلارنىڭ بىرى لۇت قەۋمى بولۇپ، بىز ئۇلارغا ئارقىمۇئارقا ساپال تاشلارنى ياغدۇردۇق. ئۇلارنىڭ ئىچىدە سالىھ ۋە شۇئەيبنىڭ قەۋمىمۇ بار بولۇپ، ئۇلارنى قاتتىق ئاۋاز ھالاك قىلدى. قارۇنمۇ ئۇلاردىن بىرى ئىدى، بىز ئۇنى ئوردا - سارايلىرى بىلەن قوشۇپ يەرگە يۇتقۇزۇۋەتتۇق. نۇھ قەۋمى، پىرئەۋن ۋە ھامانلارمۇ شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، بىز ئۇلارنى سۇغا غەرق قىلىۋەتتۇق. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ئادالەتسىزلىك قىلىپ، ئۇلارنى ھېچبىر گۇناھسىزلا ھالاك قىلىۋەتكىنى يوق. لېكىن ئۇلار گۇناھ - مەئسىيەتلەرگە پېتىش بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن ئازابقا لايىق بولدى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ