سۈرە 29 · پارە 20
سورة العنكبوت · 29:25
وَقَالَ إِنَّمَا اتَّخَذْتُمْ مِنْ دُونِ اللَّهِ أَوْثَانًا مَوَدَّةَ بَيْنِكُمْ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۖ ثُمَّ يَوْمَ الْقِيَامَةِ يَكْفُرُ بَعْضُكُمْ بِبَعْضٍ وَيَلْعَنُ بَعْضُكُمْ بَعْضًا وَمَأْوَاكُمُ النَّارُ وَمَا لَكُمْ مِنْ نَاصِرِينَ
ئىبراھىم ئېيتتى: «بۇ دۇنيادا (بۇتلارغا چوقۇنۇش مەقسىتىدە يىغىلىشىڭلارنىڭ) ئاراڭلاردىكى دوستلۇققا سەۋەب بولۇشى ئۈچۈن، اﷲ نى قويۇپ بۇتلارنى مەبۇد قىلىۋالدىڭلار، ئاندىن قىيامەت كۈنى بەزىڭلارنى بەزىڭلار ئىنكار قىلىسىلەر، بەزىڭلارغا بەزىڭلار لەنەت ئوقۇيسىلەر (يەنى قىيامەت كۈنى مەزكۇر دوستلۇق دۈشمەنلىككە ئايلىنىدۇ، ئەگەشتۈرگۈچىلەر ئەگەشكۈچىلەردىن ئادا - جۇدا بولىدۇ، ئەگەشكۈچىلەر ئەگەشتۈرگۈچىلەرگە لەنەت ئوقۇيدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى دوستلۇقى اﷲ ئۈچۈن بولغان ئەمەس)، سىلەرنىڭ جايىڭلار دوزاخ بولىدۇ، سىلەرنى (دوزاختىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچقانداق ياردەمچى بولمايدۇ»
تەپسىر
ئىبراھىم قەۋمىگە: سىلەر ھەقىقەتەن بۇ دۇنيادا بۇتلارغا چوقۇنۇش ئارقىلىق ئۆز- ئارا تونۇشۇش ۋە دوستلىشىش مەقسىتىدە بۇتلارنى ئىلاھ قىلىۋالدىڭلار. لېكىن قىيامەت كۈنى ئاراڭلاردىكى مۇناسىۋەت ئۈزۈلىدۇ، چۈنكى ئازابنى كۆرگەندە بىر - بىرىڭلاردىن ئادا - جۇدا بولىسىلەر، بىر - بىرىڭلارغا لەنەت ئوقۇيسىلەر. تۇرىدىغان جايىڭلار دوزاخ بولىدۇ. سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قوغدىيالايدىغان مەدەتكارىڭلار بولمايدۇ، ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان بۇتلىرىڭلارمۇ ۋە باشقا نەرسىلەرمۇ سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرالمايدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ