سۈرە 29 · پارە 20
سورة العنكبوت · 29:24
فَمَا كَانَ جَوَابَ قَوْمِهِ إِلَّا أَنْ قَالُوا اقْتُلُوهُ أَوْ حَرِّقُوهُ فَأَنْجَاهُ اللَّهُ مِنَ النَّارِ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ
ئىبراھىمنىڭ قەۋمىنىڭ جاۋابى: «ئىبراھىمنى ئۆلتۈرۈڭلار ياكى كۆيدۈرۈڭلار!» دېيىشتىن ئىبارەت بولدى. اﷲ ئۇنى ئوتتىن قۇتۇلدۇردى (ئۇلار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى ئوتقا تاشلىغاندا، اﷲ ئۇنىڭغا ئوتنى سورۇن ۋە ئامان جاي قىلىپ بەردى). ھەقىقەتەن بۇنىڭدا ئىمان ئېيتقان قەۋم ئۈچۈن (اﷲ نىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار
تەپسىر
ئىبراھىم قەۋمىنى ئاللاھتىن باشقا بۇتلارغا چوقۇنۇشنى تاشلاپ، يالغۇز ئاللاھقىلا قۇلچىلىق قىلىشقا بۇيرۇغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ جاۋابى: ئىلاھلىرىڭلارنىڭ يېنىدا تۇرۇش ئۈچۈن ئىبراھىمنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار ياكى ئوتقا تاشلاپ كۆيدۈرۈۋېتىڭلار، دېيىشتىن ئىبارەت بولدى. ئاللاھ ئىبراھىمنى ئوتتىن قۇتۇلدۇردى. شەكسىزكى ئاللاھنىڭ ئىبراھىمنى ئوتتىن قۇتۇلدۇرۇشىدا ئىمان ئېيتقان قەۋم ئۈچۈن ئىبرەت بار. چۈنكى مۇئمىنلەر ئىبرەتتىن مەنپەئەتلىنەلەيدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ