سۈرە 24 · پارە 18
سورة النور · 24:40
أَوْ كَظُلُمَاتٍ فِي بَحْرٍ لُجِّيٍّ يَغْشَاهُ مَوْجٌ مِنْ فَوْقِهِ مَوْجٌ مِنْ فَوْقِهِ سَحَابٌ ۚ ظُلُمَاتٌ بَعْضُهَا فَوْقَ بَعْضٍ إِذَا أَخْرَجَ يَدَهُ لَمْ يَكَدْ يَرَاهَا ۗ وَمَنْ لَمْ يَجْعَلِ اللَّهُ لَهُ نُورًا فَمَا لَهُ مِنْ نُورٍ
ياكى ئۇلارنىڭ (ياخشى دەپ گۇمان قىلغان) ئەمەللىرى چوڭقۇر دېڭىزدىكى قاراڭغۇلۇققا ئوخشايدۇ، ئۇنى (يەنى دېڭىزنى) قاتمۇقات دولقۇنلار ۋە دولقۇنلارنىڭ ئۈستىدىكى قارا بۇلۇتلار قاپلاپ تۇرىدۇ. (مانا بۇ) قاتمۇقات قاراڭغۇلۇقلاردۇر، (بۇ قاراڭغۇلۇققا گىرىپتار بولغۇچى) قولىنى ئۇزاتسا بارماقلىرىنى كۆرەلمەيدۇ، اﷲ نۇر ئاتا قىلمىسا، كىم بولمىسۇن، نۇرنى كۆرەلمەيدۇ (يەنى اﷲ ھىدايەت قىلمىغان ئادەم ھەرگىز ھىدايەت تاپمايدۇ)
تەپسىر
ياكى كاپىرلارنىڭ ئەمەللىرى دولقۇن قاپلىۋالغان چوڭقۇر دېڭىزدىكى قاتمۇقات قاراڭغۇلۇققا ئوخشايدۇكى، ئۇ دولقۇننىڭ ئۈستىدە يەنە دولقۇن بار، ئۇنىڭمۇ ئۈستىدە يۇلتۇزلارنى توسىۋالغان بۇلۇت بار بولۇپ، بۇ قاراڭغۇلۇقلار ئۈستى - ئۈستىلەپ بىر - بىرىگە كىرىشىپ كەتكەن. بۇ قاراڭغۇلۇقلارنىڭ ئىچىدە قالغان ئادەم قولىنى چىقارسا، قاراڭغۇلۇقنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن قولىنى كۆرەلمىگىلى تاس قالىدۇ. كاپىرمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇنى نادانلىق، ئارىسالدىلىق، تېڭىرقاش ۋە قەلبى مۆھۈرلىنىشتىن ئىبارەت قاتمۇقات زۇلمەتلەر ئورىۋالغاندۇر. ئاللاھ كىمنى ئازغۇنلۇقتىن ھىدايەتكە چىقىرىپ، كىتابىنى بىلدۈرمىسە، ئۇنى توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان ھىدايەت ۋە يولىنى يورۇتىدىغان كىتاب بولمايدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ