سۈرە 24 · پارە 18

سورة النور · 24:39

وَالَّذِينَ كَفَرُوا أَعْمَالُهُمْ كَسَرَابٍ بِقِيعَةٍ يَحْسَبُهُ الظَّمْآنُ مَاءً حَتَّىٰ إِذَا جَاءَهُ لَمْ يَجِدْهُ شَيْئًا وَوَجَدَ اللَّهَ عِنْدَهُ فَوَفَّاهُ حِسَابَهُ ۗ وَاللَّهُ سَرِيعُ الْحِسَابِ

كاپىرلارنىڭ (ياخشى ئەمەل دەپ ئويلىغان) ئەمەللىرى باياۋاندىكى سەرابقا ئوخشايدۇ، تەشنا ئادەم ئۇنى سۇ دەپ گۇمان قىلىدۇ، ئۇنىڭ يېنىغا كەلسە ھېچ نەرسە كۆرۈنمەيدۇ (يەنى سۇ كۆرمەيدۇ)، ئۇ اﷲ نىڭ ئۆز (ئەمەلىنىڭ) يېنىدا (كۆزىتىپ تۇرغۇچى) ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ، اﷲ ئۇنىڭ قىلمىشىغا تېگىشلىك جازا بېرىدۇ، اﷲ تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر

تەپسىر

ئاللاھقا كاپىر بولغانلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە ھېچقانداق ساۋاب بېرىلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرى باياۋاندىكى سەرابقا ئوخشاش بولۇپ، قاتتىق ئۇسساپ كەتكەن ئادەم ئۇنى كۆرسە سۇ دەپ ئويلاپ قالىدۇ - دە، شۇ تەرەپكە يۈگۈرىدۇ، لېكىن يېنىغا بارغىنىدا ئۇ يەردە سۇنى تاپالمايدۇ. كاپىرمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ، قىلغان - ئەتكەنلىرىنى ئۆزىگە ئەسقاتىدۇ، دەپ ئويلايدۇ. لېكىن ئۆلۈپ، قايتا تىرىلدۈرۈلگەن چاغدا ئۇنىڭ ساۋابىنى تاپالمايدۇ، ئەمما ئالدىدا پەرۋەردىگارىنى تاپىدۇكى، پەرۋەردىگارى ئۇنىڭ ئەمىلىدىن تولۇق ھېساب ئالىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ