سۈرە 24 · پارە 18

سورة النور · 24:4

وَالَّذِينَ يَرْمُونَ الْمُحْصَنَاتِ ثُمَّ لَمْ يَأْتُوا بِأَرْبَعَةِ شُهَدَاءَ فَاجْلِدُوهُمْ ثَمَانِينَ جَلْدَةً وَلَا تَقْبَلُوا لَهُمْ شَهَادَةً أَبَدًا ۚ وَأُولَٰئِكَ هُمُ الْفَاسِقُونَ

ئىپپەتلىك ئاياللارنى زىنا بىلەن قارىلىغان، (بۇنىڭ راستلىقىغا ئادىل) تۆت گۇۋاھچىنى كەلتۈرەلمىگەن كىشىلەرنى 80 دەررە ئۇرۇڭلار (يەنى بىراۋغا زىنا بىلەن تۆھمەت چاپلىغان ھەربىر ئادەمنى قامچا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەر بىلەن 80 نى ئۇرۇڭلار، چۈنكى ئۇلار ئەفىفە ئاياللارغا يالغاندىن تۆھمەت چاپلىغان ۋە كىشىلەرنىڭ ئابرۇيىنى تۆككەن ئادەملەردۇر)، ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى (ئۇلار يالغانچىلىق ۋە تۆھمەت چاپلاش مەيدانىدا چىڭ تۇرىدىغانلا بولسا) ھەرگىز قوبۇل قىلماڭلار، ئۇلار پاسىقلاردۇر (يەنى ئۇلار بوھتان چاپلاشتىن ئىبارەت چوڭ گۇناھنى ئىشلىگەنلىكلىرى ئۈچۈن، اﷲ نىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر)

تەپسىر

ئەي ھوقۇقدارلار! ئىپپەتلىك ئاياللارنى (ۋە شۇ ئاياللارغا ئوخشاش ئىپپەتلىك ئەرلەرنى) زىنايى - پاھىشە بىلەن قارىلايدىغان، ئاندىن ئۆزلىرىنىڭ بوھتانلىرىغا تۆت گۇۋاھچىنى كەلتۈرەلمەيدىغانلارنى سەكسەن دەررە ئۇرۇڭلار، (ئۇنىڭدىن كېيىن) ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى قەتئىي قوبۇل قىلماڭلار. ئىپپەتلىك ئەر ۋە ئاياللارغا تۆھمەت قىلىدىغان بۇنداق ئادەملەر ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ