سۈرە 24 · پارە 18
سورة النور · 24:3
الزَّانِي لَا يَنْكِحُ إِلَّا زَانِيَةً أَوْ مُشْرِكَةً وَالزَّانِيَةُ لَا يَنْكِحُهَا إِلَّا زَانٍ أَوْ مُشْرِكٌ ۚ وَحُرِّمَ ذَٰلِكَ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ
زىنا قىلغۇچى ئەر پەقەت زىنا قىلغۇچى ئايالنى ياكى مۇشرىك ئايالنىلا ئالىدۇ، زىنا قىلغۇچى ئايال پەقەت زىنا قىلغۇچى ئەرگە ياكى مۇشرىككىلا تېگىدۇ، ئۇ (يەنى زىنا) مۆمىنلەرگە ھارام قىلىندى
تەپسىر
زىنا ئىنتايىن قەبىھ قىلمىش بولغاچقا، ئاللاھ تائالا زىناغا ئادەتلىنىپ قالغان كىشىنىڭ پەقەت ئۆزىگە ئوخشاش پاھىشە خوتۇن بىلەن ياكى نىكاھىغا ئېلىش دۇرۇس بولمىسىمۇ زىنادىن قاچمايدىغان مۇشرىك ئايال بىلەن توي قىلىشقىلا رايى بارىدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك زىناغا ئادەتلىنىپ قالغان ئايالنىڭمۇ پەقەت ئۆزىگە ئوخشاش زىناخور ئەر بىلەن ياكى نىكاھلىنىشى ھارام بولسىمۇ يەنىلا زىنادىن قاچمايدىغان مۇشرىك ئەر بىلەن توي قىلىشقىلا قىزىقىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. پاھىشە ئايالنى ئېلىش ۋە زىناخور ئەرگە تېگىش مۇئمىنلەرگە ھارام قىلىندى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ