سۈرە 24 · پارە 18
سورة النور · 24:33
وَلْيَسْتَعْفِفِ الَّذِينَ لَا يَجِدُونَ نِكَاحًا حَتَّىٰ يُغْنِيَهُمُ اللَّهُ مِنْ فَضْلِهِ ۗ وَالَّذِينَ يَبْتَغُونَ الْكِتَابَ مِمَّا مَلَكَتْ أَيْمَانُكُمْ فَكَاتِبُوهُمْ إِنْ عَلِمْتُمْ فِيهِمْ خَيْرًا ۖ وَآتُوهُمْ مِنْ مَالِ اللَّهِ الَّذِي آتَاكُمْ ۚ وَلَا تُكْرِهُوا فَتَيَاتِكُمْ عَلَى الْبِغَاءِ إِنْ أَرَدْنَ تَحَصُّنًا لِتَبْتَغُوا عَرَضَ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۚ وَمَنْ يُكْرِهْهُنَّ فَإِنَّ اللَّهَ مِنْ بَعْدِ إِكْرَاهِهِنَّ غَفُورٌ رَحِيمٌ
ئۆيلىنەلمەيدىغانلار اﷲ ئۇلارنى ئۆز كەرىمى بىلەن باي قىلغۇچە، ئۆزلىرىنى ئىپپەتلىك تۇتسۇن، قۇللىرىڭلاردىن توختام تۈزۈشنى تىلەيدىغانلار (يەنى خوجىسىغا مۇئەييەن پۇل - مال تۆلەش شەرتى بىلەن ئۆزىنىڭ ئازاد قىلىنىشىنى تىلەيدىغانلار) بىلەن، ئەگەر ئۇلارنىڭ ساداقىتىنى بايقىساڭلار، توختام تۈزۈڭلار، سىلەرگە اﷲ ئاتا قىلغان مال - مۈلۈكنىڭ بىر قىسمىنى (ئۆزلىرىنى ئازاد قىلىشقا ياردەم تەرىقىسىدە) ئۇلارغا بېرىڭلار، ئەگەر سىلەرنىڭ چۆرىلىرىڭلار ئىپپەتلىك بولۇشنى خالىسا، بۇ دۇنيانىڭ ئازغىنا مېلىنى دەپ ئۇلارنى پاھىشىغا مەجبۇرلىماڭلار، كىمكى ئۇلارنى پاھىشىغا مەجبۇرلايدىكەن، مەجبۇرلانغاندىن كېيىن اﷲ ئۇلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا) رەھىم قىلغۇچىدۇر (يەنى پاھىشىغا مەجبۇرلانغانلىقى ئۈچۈن، اﷲ ئۇلارنى جاۋابكارلىققا تارتمايدۇ، مەجبۇرلىغۇچىلارنى قاتتىق جازالايدۇ)
تەپسىر
يوقسۇللۇقتىن توي قىلىشقا قۇربى يەتمەيدىغانلار تاكى ئاللاھ چەكسىز مەرھەمىتى ئارقىلىق باي قىلغانغا قەدەر زىنادىن ساقلانسۇن. قۇللار ئىچىدىن ئازات قىلىنىش بەدىلىگە خوجايىنلىرىغا مال بېرىش تەكلىپىنى بەرگەنلەرگە كەلسەك، خوجايىنلىرى ئۇلارنىڭ ئۆزئارا پۈتۈشكەن مالنى ئادا قىلالايدىغانلىقىنى ھەم دىندارلىقىنى بىلسە ئۇلارنىڭ بۇ تەكلىپىنى قوبۇل قىلسۇن، شۇنداقلا قۇللىرى بىلەن پۈتۈشكەن مالنىڭ مەلۇم قىسمىنى ئۆتۈۋېتىش ئارقىلىق ئاللاھ ئۆزلىرىگە بەرگەن مال - دۇنيادىن ئۇلارغىمۇ ئاز - تولا بەرسۇن. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەينىڭ قىلغىنىغا ئوخشاش، دېدەكلىرىڭلارنىڭ ئىپپىتىنى سېتىش بەدىلىگە پۇل - مال تېپىش ئۈچۈن ئۇلارنى زىنايى - پاھىشىگە زورلىماڭلار. ئۆز ۋاقىتدا ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي ئىپپىتىنى ساقلاپ، زىنايى - پاھىشىدىن يىراق تۇرماقچى بولغان ئىككى دېدىكىگە شۇنداق قىلغان ئىدى. ئاراڭلاردىن كىمكى ئۇلارنى شۇنداق ئىشقا زورلايدىكەن، ئۇلار مەجبۇرلانغان بولغاچقا ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا رەھىم قىلغۇچىدۇر. چۈنكى ئۇلار مەجبۇرلانغانلار بولۇپ، گۇناھ پەقەت مەجبۇرلىغۇچىلارغا بولىدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ