سۈرە 24 · پارە 18

سورة النور · 24:32

وَأَنْكِحُوا الْأَيَامَىٰ مِنْكُمْ وَالصَّالِحِينَ مِنْ عِبَادِكُمْ وَإِمَائِكُمْ ۚ إِنْ يَكُونُوا فُقَرَاءَ يُغْنِهِمُ اللَّهُ مِنْ فَضْلِهِ ۗ وَاللَّهُ وَاسِعٌ عَلِيمٌ

ئاراڭلاردىكى بويتاق ئەر، ئاياللارنىڭ ۋە ياخشى قۇل ۋە ياخشى چۆرىلىرىڭلارنىڭ بېشىنى ئوڭلاپ قويۇڭلار؛ ئەگەر ئۇلار يوقسۇز بولىدىغان بولسا (ئۇلارنىڭ يوقسۇزلۇقى سىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ بېشىنى ئوڭلاپ قويۇشۇڭلارغا توسۇق بولمىسۇن)، اﷲ ئۇلارنى ئۆز كەرىمى بىلەن باي قىلىدۇ، اﷲ نىڭ (كەرىمى) كەڭدۇر، اﷲ بەندىلەرنىڭ مەنپەئىتىنى بىلگۈچىدۇر

تەپسىر

ئەي مۇئمىنلەر! ئاراڭلاردىكى ئايالى يوق ئەرلەرنى ۋە ئېرى يوق ئاياللارنى ئۆيلەپ قويۇڭلار، قۇل - چۆرىلىڭلاردىنمۇ مۇئمىن بولغانلارنىڭ تويىنى قىلىپ قويۇڭلار. ئەگەر ئۇلار يوقسۇل بوپقالسا، ئاللاھ تائالا چەكسىز مەرھەمىتى ئارقىلىق ئۇلارنى باي قىلىدۇ. ئاللاھ كەڭرى رىزىق بەرگۈچىدۇركى، ئۇنىڭ رىزقى ھېچكىنىڭ بايلىقىنى كېمەيتىۋەتمەيدۇ. ئۇ بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ